Uyghur主要词典
مائارىپ كۆلىمى
شىنجاڭ مائارىپى
ئۇنىۋېرسال ئۇقۇملار
بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدىكى مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسى ۋە مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ. 1999- يىلى رايونىمىزدا ھەر دەرىجىلىك ھەر تۈرلۈك مەكتەپتىن 9707 سى، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 408.81 تۈمەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى %63.9 نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ؛ مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 23.41 تۈمەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى %58.53نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر بىر تۈمەن نوپۇس ئىچىدە بار بولغان ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇقسىز، تولۇق، ئوتتۇرا تېخنىكوم، ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى سانى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1435 نەپەر، 500 نەپەر، 108 نەپەر، 53 نەپەر، 31 نەپەر بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1624 نەپەر، 561 نەپەر، 83 نەپەر، 46 نەپەر، 22 نەپەر. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپتىن 8521 سى، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 356.98 تۈمەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق
مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 243.47 تۈمەن بولۇپ، %68.2 نى ئىگىلەيدۇ. ئاپتونوم رايون بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپتىن 6796 سى بولغان، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 25.74تۈمەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچى سانى 174.30 تۈمەن بولۇپ، %69.51 نى ئىگەللەيدۇ. ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن 1237 سى بولۇپ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 87.33 تۈمەن بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 60.22 تۈمەن بولۇپ، %69.96نى ئىگەللەيدۇ. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن 488 سى بولۇپ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 18.90 تۈمەن بولغان، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 8.94 تۈمەن بولۇپ %47.30 نى ئىگەللەيدۇ. ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىدىن پەتتىسى بولۇپ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 681 نەپەر، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 287 نەپەر بولۇپ،% 42.14 نى ئىگەللەيدۇ. بالىلار باغچىسىدىن 811 سى بولۇپ، باغچىدىكى بالىلار 21.21 تۈمەن، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى4.45 تۈمەن بولۇپ،% 20.98نى ئىگەللەيدۇ. ئاپتونوم رايون بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتىن 17 سى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 14 ى يەرلىك مەكتەپ، ئىككىسى مىنستىرلىقكە قاراشلىق مەكتەپ. تولۇق كۇرس مەكتەپتىن 11، مەخسۇس كۇرس مەكتەپتىن بەشى بار. دوكتۇرلۇق ئۇنۋان بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئورۇندىن ئۈچى، ماگىستىرلىق ئۇنۋان بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئورۇندىن 10 ى بار.
ھازىر بەش دوكتۇرلۇق كەسپىي ئۇنۋان نۇقتىسى، 116 ماگىستىرلىق ئۇنۋان نۇقتىسى، 142 خىل تولۇق كۇرس كەسپىي، 183 خىل مەخسۇس كۇرس تەسىس قىلىندى. ئاپتونوم رايون بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى مەخسۇس ئوقۇتقۇچى سانى 7516 نەپەر، بۇلارنىڭ ئىچىدە 406نەپەر پروفېسسور، 1743 نەپەر دوتسىنت، دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقانلاردىن 18 نەپەر، ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقانلاردىن 747 نەپەر بار، مەكتەپتىكى تولۇق، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچلىرى 54048 نەپەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 23000 دىن كۆپرەك. ئاپتونوم رايون بويىچە چوڭلار ئالىي مائارىپ مەكتىپىدىن 44 ى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىككىسى، ئىشچى
- مائارىپ ئىنستىتۇتىدىن 11 ى، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر قۇرغان چوڭلار مائارىپ ئىنستىتوتىدىن 17 سى بار، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 67633 نەپەر، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 11876 نەپەر. چوڭلار مائارىپ مەخسۇس كۇرس مەكتىپىدىن 81 ى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپىدىن 28 ى بار، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتەپلىرىدىن 49 ى بار، رادىئو - تېلېۋىزىيە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپتىن تۆتى بولۇپ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 33231 نەپەر.