Uyghur主要词典
بارس
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مۈشۈكسىمانلار ئائىلىسىگە مەنسۇپ يىرتقۇچ ھايۋان.
<بارس>، <پەلەڭ> كىتابىي سۆزلەر.
چىرىك ئارغامچىدا يولۋاس تۇرماس. يولۋاس ئورماننى قوغدايدۇ، ئورمان يولۋاسنى قوغدايدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يولۋاس.
1 - 449
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يولۋاس.
تۈرك خەلقلىرىدىكى ئون ئىككى مۈچەلدىن بىرىنىڭ نامى. تۈركلەر ئون ئىككى خىل ھايۋاننىڭ ئىسمىنى ئېلىپ، ئون ئىككى يىلغا ئات قويغان، ئۇلاربالىلارنىڭ ياشلىرىنى، جەڭ تارىخلىرىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنى مۇشۇ يىللارنىڭ ئايلىنىشى (دەۋر قىلىشى) بىلەن ھېسابلايدۇ. بۇنىڭ كېلىپ چىقىشى مۇنداق:
تۈرك خاقانلىرىدىن بىرى ئۆزىدىن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن بىر ئۇرۇشنى ئۆگەنمەكچى بولغان، بۇنىڭدا ئۇ شۇ ئۇرۇش بولۇپ ئۆتكەن يىلنى ئېنىقلاشتا خاتالاشقان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ خاقان ئۆز خەلقى بىلەن كېڭەش ئۆتكۈزۈپ، قۇرۇلتايدا مۇنداق دېگەن: «بىز بۇ تارىخنى ئېنىقلاشتا قانداق خاتالاشقان بولساق، بىزنىڭ كېلەچەك ئەۋلادلىرىمىزمۇ شۇنداق خاتالىشىدۇ. شۇڭا بىز ئون ئىككى ئاي ۋە ئاسماننىڭ ئون ئىككى بۇرجىغا ئاساسلىنىپ، ھەر بىر يىلغا بىر ئات قويايلى، بىزدىن كېيىن يىل ھېسابى شۇ يىللارنىڭ ئايلىنىشى بىلەن ھېسابلانسۇن، بۇ ئارىمىزدا مەڭگۈ بىر يادىكارلىق بولۇپ قالسۇن». خەلق خاقاننىڭ بۇ پىكرىنى «شۇنداق بولسۇن» دەپ ماقۇللىغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خاقان ئوۋغا چىققان ۋە ھەممە ياۋا ھايۋانلارنى ئىلى دەرياسىغا قاراپ قوغلاشنى بۇيرۇغان. بۇ ناھايىتى چوڭ بىر دەريا، خەلق بۇ ھايۋانلارنى ئوۋلاپ يۈرۈپ، ئىلى دەرياسىغا قاراپ ھەيدىگەن. بىر مۇنچە ھايۋانلارئۆزلىرىنى سۇغا ئاتقان. ئۇلاردىن ئون ئىككى خىلى سۇدىن ئۆزۈپ ئۆتكەن. ئەنە شۇ ئون ئىككى ھايۋاننىڭ ئىسمى ئون ئىككى يىلغا ئات قىلىپ قويۇلغان. سۇدىن ئەڭ ئاۋۋال « سىچغان _ چاشقان» ئۆتكەن. شۇڭا يىل بېشى شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ، « سىچغان يىلى _ چاشقان يىلى» دېيىلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن سۇدىن ئۆتكەنلەر تۆۋەندىكى تەرتىپتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىر يىل ئۈچۈن ئىسىم بولۇپ قالغان:
ئۇد يىلى _ ئۇي يىلى (كالا يىلى).
بارس يىلى _ بارس يىلى (يولۋاس يىلى).
تاۋىشغان يىلى _ توشقان يىلى.
نەك يىلى _ لەھەڭ يىلى (تىمساھ يىلى).
يىلان يىلى _ يىلان يىلى.
يۇند يىلى _ ئات يىلى.
قوي يىلى _ قوي يىلى.
بىچىن يىلى _ مايمۇن يىلى.
تاقاغۇ يىلى _ توخۇ يىلى.
ئىت يىلى _ئىت يىلى.
توڭۇز يىلى _ توڭگۇز يىلى.
توڭگۇز يىلىغا يەتكەندىن كېيىن ھېساب يەنە چاشقان يىلىدىن باشلىنىدۇ.
مەھمۇت قەشقەرى ئېيتىدۇكى: بۇ كىتابنى يازغان يىلىمىز تۆت يۈز ئاتمىش ئالتىنچى يىلنىڭ مۇھەررەم ئېيى بولۇپ، يىلان يىلى كىرگەن ئىدى. بۇ يىل ئۆتۈپ تۆت يۈز ئاتمىش يەتتىنچى يىلغا قەدەم قويغاندا، ئات يىلى كىرىدۇ. يىل ھېسابى بىز كۆرسەتكەن مۇشۇ تەرتىپ بويىچە بولىدۇ.
تۈركلەر بۇ يىللارنىڭ ھەر بىرىدە بىر خاسىيەت بار دەپ تەخمىن قىلىدۇ. مەسىلەن: ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۇي يىلى كىرگەندە، ئۇرۇش كۆپىيىدۇ، چۈنكى ئۇي بىر - بىرى بىلەن كۆپ ئۈسۈشىدىغان ھايۋان. توخۇ يىلى كىرسە،ئوزۇق - تۈلۈك كۆپىيىدۇ، لېكىن كىشىلەر ئارىسىدا تەشۋىش ئاشىدۇ، چۈنكى توخۇنىڭ يېمى دان، توخۇ داننى تېپىش ئۈچۈن ئەخلەت - چاۋىلارنى تاتىلاپ چېچىۋېتىدۇ. لەھەڭ يىلى كىرىشى بىلەن ھۆل - يېغىن كۆپىيىپ، ئاشلىق ئوخشايدۇ، چۈنكى لەھەڭ سۇدا ياشايدۇ. توڭگۇز يىلى كىرىشى بىلەن قار كۆپ ياغىدۇ، سوغۇق قاتتىق بولىدۇ، پىتنە - پاسات كۆپىيىدۇ. تۈركلەر ئەنە شۇ يوسۇندا، ھەر يىلى بىرەر ھادىسە يۈز بېرىدۇ، دەپ ئىشىنىدۇ. تۈركلەردە ھەپتىنىڭ يەتتە كۈنىنىڭ ئېتى يوق. چۈنكى «ھەپتە» دېگەن ئۇقۇم ئىسلامدىن كېيىن مەلۇم بولدى.
ئايلارنىڭ ئىسمىغا كەلسەك، شەھەرلەردە ئەرەبچە ئاي ئىسىملىرى قوللىنىلىدۇ. كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، مۇسۇلمان بولمىغان تۈركلەر يىلنى تۆت پەسىلگە بۆلۈپ، ھەر ئۈچ ئاينى بىر نام بىلەن ئاتايدۇ. يىلنىڭ ئۆتۈشىنى شۇ يول بىلەن بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن: نورۇزدىن كېيىنكى تۇنجى باھار ئېيىنى « ئوغلاق ئاي» دەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاينى « ئۇلۇغ ئوغلاق ئاي»دەيدۇ. چۈنكى بۇ ئايدا ئوغلاق چوڭ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاينى « ئۇلۇغ ئاي» دەيدۇ، چۈنكى بۇ ئاي يازنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، بۇ چاغدا يەر - يۈزى تۈرلۈك نېمەتلەرگە تولۇپ، مال - ۋارانلار سەمرىيدۇ، سۈت كۆپىيىدۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش. كۆپ ئىشلىتىلمىگەچكە، قالغان ئاي ئىسىملىرىنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن. ئۆزەڭ بىلىۋال.
1 - 449
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قاپارتقۇ.
پىت پاشا چېقىشتىن ياكى يەل تېشىشتىن پەيدا بولغان ئىششىق. ئانىڭ ئەتى بارس بولدى _ ئۇنىڭ ئېتى (بەدىنى) قاپاردى.
1 - 452
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
← يولۋاس.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قاپلانغا ئوخشايدىغان يىرتقۇچ ھايۋان. يولۋاس (يولبارس) نىڭ قىسقارتىپ ئېيتىلىشى.