—参考资料
چاد كۆلى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
چاد كۆلى ئافرىقىدىكى تۆتىنچى چوڭ كۆل. ئۇ كۆل گەرچە چاد كۆلى دەپ ئاتالسىمۇ، لېكىن ئۇ چاد، نىگېرىيە، نىگېر ۋە كامېرۇن قاتارلىق تۆت دۆلەتكە تەۋە بولۇپ، تەۋەلىك دۆلىتى بىرقەدەر كۆپ بولغان ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆلى ھېسابلىنىدۇ. چاد كۆلى كۆلىمىنىڭ ئۆزگىرىشى بىرقەدەر زور. قۇرغاق پەسلىدە ئۇنىڭ كۆلىمى ئاران11000 كۋادرات كىلومېتىرلا كېلىدۇ؛ يامغۇر پەسلىدە كېڭىيىپ22000 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئۇ ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆلى. كۆل ياقىسىدا تۇرۇپ كۆلنىڭ قارشى تەرىپىگە قارىسىڭىز، خۇددى بىپايان كەتكەن دېڭىز - ئوكياننى كۆرگەندەك بولىسىز. «چاد» دېگەن سۆزمۇ يەرلىكلەرنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا، «بىپايان دېڭىز - ئوكيان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن10 مىڭ يىل ئىلگىرى، چاد كۆلى كۆلىمى تەخمىنەن400 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان، يەنى چوڭ - كىچىكلىكى كاسپى دېڭىزىچىلىك كېلىدىغان ئىچكى دېڭىز ئىدى.
چاد كۆلىنىڭ كۆلىمى گەرچە ئىنتايىن چوڭ بولسىمۇ، لېكىن سۈيى ناھايىتى تېيىز، ئاران4 مېتىردىن7 مېتىرغىچىلا كېلىدۇ