Uyghur主要词典
ساۋاتلىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خەتنى ئوقۇش - يېزىشنى بىلىدىغان.
ساۋاتلىق بولغان ياخشى، لېكىن ساۋاتلىق بولۇش كۇپايە قىلمايدۇ، مەلۇماتلىق بولۇش كېرەك. ئۇ قولىدا خېتى بار ئادەم.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئوقۇش - يېزىشنى بىلىدىغان.
ساۋاتسىز، قارىتۈرۈك، كۆزى ئوچۇق قارىغۇ، ئېلىپنى تاياق دەيدىغان، قورسىقىدا ئېلىپنىڭ سۇنۇقى يوق
ئوقۇش - يېزىشنى بىلمەيدىغان.
جۇڭگودا 40 يىلدىن بۇيان 180 مىليون ئاھالە ساۋاتسىزلىقتىن قۇتۇلۇپ ساۋاتلىق بولغان. ئۇنىڭ قولىدا خېتى بار، ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالايدۇ. ساۋاتسىزغا سان يوق. قارىتۈرۈك ئالەمدىن خەۋەرسىز. ئوقۇماي - بىلمەي كۆزى ئوچۇق قارىغۇ بولۇپ قالدىم. قورسىقىدا ئېلىپنىڭ سۇنۇقى يوق بولغان بىلەن قورسىقىدا جورى كۆپ كىشىلەر بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
خەت - ساۋاتى بار، ئوقۇش - يېزىشنى بىلىدىغان.
بۇ شېئىرنى ساۋاتلىق ئادەملەرنىڭ كۆپچىلىكى يېزىۋالغان.