Uyghur主要词典
شىركەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، تاۋار ئالماشتۇرۇش ياكى باشقا قۇرۇلۇش ئىشلىرى بويىچە قۇرۇلغان چوڭ سودا - سانائەت تەشكىلاتى.
شىنجاڭ نېفىت شىركىتى، شىنجاڭ رەڭلىك مېتاللار شىركىتى، شىنجاڭ ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللار شىركىتى ئازادلىقىنىڭ دەسلىپىدە جۇڭگو - سوۋېت ئىككى تەرەپ بىرلىشىپ قۇرغان شىركەتلەر ئىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، تاۋار ئالماشتۇرۇش تىجارىتى ياكى بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودا - سانائەت بىرلەشمىسى.
پولات - تۆمۈر شىركىتى. كۆمۈر سانائىتى شىركىتى. ئەمگەك مۇلازىمەت شىركىتى.