Uyghur主要词典
شىرلېي باكېر
دۇنيا تارىخى
(1836 - 1903)، تونگا پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى (1880 - 1890)، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى. ئەنگلىيىلىك. ئەسلىدە ۋېسلېي چېركاۋىنىڭ مىسسىئونېرى. پادىشاھ گىئورگې تۇپوئۇ Ⅰ ياشىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ، ئاساسىي قانۇننى ئېلان قىلغان، ئەمر - پەرمانلارنى تۈزگەن، ئاقسۆڭەكلەرگە نۇرغۇن يەرلەرنى ئىنئام قىلىپ، چوڭ فېئوداللار يەر مۈلۈكچىلىكىنى بەرپا قىلغان، دىننى ئىسلاھ قىلىپ، تونگا ئەركىن چېركاۋىنى تەسىس قىلغان. ھاكىممۇتلەقلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. 1886 - يىلى سۈيقەستكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئامان قالغان. تونگا تاپۇ ئارىلىغا ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئۆچ ئالغان. كېيىن ئەنگلىيەنىڭ غەربىي تىنچ ئوكياندا تۇرۇشلۇق ئالىي باش ۋالىيلىقىغا تەيىنلىنىپ، تونگادىن يۆتكەپ كېتىلگەن.