Uyghur主要词典
قىزغانماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆرەلمەسلىك تۇيغۇسىنى ئەمەلدە كۆرسەتمەك.
ھەسەت قىلىش ياخشى نىيەتتىن بولسا، ئۇ - مۇسابىقە پەرىسىدۇر. كۈندەشلىك قىلىشنىڭ ئورنى بولسا بىر گەپ، ئورۇنسىز بولسا، بۇ بىر گەپ. بېخىل ئۆز مېلىدىن ئۆزى قىزغىنار. پەرىشتىنىڭ ئېشىدىن شەيتان قىزغىنىپتۇ. ئىچىڭ قىزىسا مۇز يالا. ئىچى ئادىغاننىڭ ئىچىدىن قان كېلەر. ئىچىگە ئوت كەتسۇن دەپ چىقتىم تالاغا، ئۆزۈمنىڭ ئىچىگە ئوت كەتتى شۇئان، ئەمدى قالدىم بالاغا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر نەرسىنى ئۆتۈنۈشكە ئاغرىنماق، ئىچى تارلىق قىلماق، ئايىماق.
قېتىق سوراپ كەلگەنگە ئايىقىڭنى قىزغانما (ماقال).
ھەسەت قىلماق، كۈنداشلىق قىلماق، رەشك قىلماق، كۆرەلمەسلىك قىلماق.
پەرىشتىنىڭ ئېشىدىن شەيتان قىزغىنىپتۇ (ماقال).