Uyghur→Chinese主要词典
تىسا دەرياسى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
蒂萨河
dì sà hé
دوناي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىنىڭ سول ياقىسىدىكى بىر تارمىقى. باش مەنبەسى سوۋېت ئوكرائىناسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى شەرقىي كارپات تاغلىرىدىن باشلىنىپ، ۋېنگېرىيىنىڭ شەرقىي قىسمىنى شىمالدىن جەنۇبقا توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، يۇگوسلاۋىيىنىڭ پايتەختى بېلگراد شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن 42 كىلومېتر كېلىدىغان جايدا دوناي دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. بۇ تىپىك پەس تۈزلەڭلىكتىكى دەريا بولۇپ، دەريا يولى بەك ئەگرى - بۈگرى، بۇرۇنقى ئۇزۇنلۇقى 1400 كىلومېتر ئىدى، دەريا يوللىرى تۈزلەنگەندىن كېيىنكى ئۇزۇنلۇقى 980 كىلومېترغا قسىقاردى. كۆلىمى 157 مىڭ كۋادرات كىلومېتر يېتىدۇ. تۆۋەن ئېقىمىدىكى يۇگوسلاۋىيىنىڭ سېنتا ئەتراپىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىم مىقدارى 810 كۇب مېتر سېكۇنتقا يېتىدۇ. دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىغا تاشقىندىن مۇداپىئە قىلىش قاشلىرى ياسالغان. دەريادىن ياغاچ ماتېرىيالىرى ئېقىتىش، سۇغىرىش ئۈچۈن پايدىلىنىلىدۇ. ۋېگرىيىنىڭ سولنوك شەھىرىدىن تۆۋەن قىسمىدا قاتناش قىلشقا بولىدۇ. دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى تىسالىك ئەتراپىغا توسما ھەم ئېلېكتر ئىستانىسىسى سېلىنغان.
تارىخ
提索河
tí suǒ hé