English→Uyghur主要词典
Hungary
ئۇنىۋېرسال
ۋېنگرىيە
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ياۋروپا
The Republic of Hungary
ۋېنگرىيە
ئون قەبىلە
ئوتتۇرا ياۋروپاغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت. دۆلەتنىڭ 5/4 قىسمىنى تۈزلەڭلىك، ئىدىرلىقلار، 5/1 قىسمىنى تاغلىقلار ئىگىلەيدۇ. تۈزلەڭلىكلەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 100-150 مېتىر كېلىدۇ. تۈزلەڭلىكلەر دۆلەتنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، تاغلىقلار دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، شىمالىي قىسمىغا كۆپرەك مەركەزلەشكەن، ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى 1015 مېتىرغا يېتىدۇ. دۆلەتنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق، ئېدىرلىقلار ئارىسىغا بالاتون كۆلى جايلاشقان. ئۇ ۋېنگرىيە ۋە ئوتتۇرا ياۋروپا بويىچە چوڭ تاتلىق سۇلۇق كۆل بولۇپ، مەنزىرىسى گۈزەل، كۆل بويىدا دەم ئېلىش، ساياھەت قىلىش ئورۇنلىرى ناھايىتى كۆپ. ۋېنگرىيىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل ماتېرىك خاراكتېرلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ، 7 - ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تمپېراتۇرىسى 18℃-23℃ كېلىدۇ، 1 - ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 2℃-4℃ بولىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 450-900 مىللىمېتىر بولۇپ، دۆلەتنىڭ تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى ئوت - چۆپلەر، تاغلىقلارنى زىچ ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ. ۋېنگرىيىنىڭ يەر مەيدانى 93 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئاھالىسى 10 مىليون 620 مىڭدىن ئاشىدۇ (1987)، بۇنىڭ 98% نى ماگيار (ۋېنگر) خەلقلىرى، قالغىنىنى نېمىس، سلوۋاك، رومىن، سېربىيە قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپى كاتولىك، خرىستىئان دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ۋېنگرىيە تىلى دۆلەت تىلى ھېسابلىنىدۇ، ۋېنگر (ماگيار) خەلقلىرى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1000 - يىللار ئەتراپىدا ئورال تاغلىرىنىڭ شەرقىي رايونلىرىدا ئولتۇراقلاشقان. مىلادىيە 896 - يىلى ئورال رايونىدىن يۆتكىلىپ، ھازىرقى جايغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا 7 قەبىلە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك قەبىلە مازار قەبىلىسى بولغان. مازار قەبىلىلىرى دەپمۇ ئاتالغان، كېيىن ۋېنگرىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلغان، 16 - ئەسىرگە كەلگەندە دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى تۈركلەر ئىگىلىۋالغان. 1711 - يىلدىن كېيىن پۈتۈن دۆلەتنى ئاۋسترىيە بېسىۋالغان، 1867 - يىلى ئاۋسترىيە بىلەن ۋېنگرىيە بىرلىشىپ، ئاۋستروۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى بولۇپ قۇرۇلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاۋسترو - ۋېنگرىيە تارمار بولغاندىن كېيىن، 1918 - يىلى ۋېنگرىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1919 - يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ۋېنگرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. شۇ يىلى 8 - ئايدا ۋېنگرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى چەت ئەللەرنىڭ قوراللىق ئارىلىشىشى ئارقىسىدا ئاغدۇرۇلۇپ تاشلانغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گىتلېر گېرمانىيىسى بىلەن بىللە ئۇرۇشقا قاتناشقان،
1946 - يىلى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ۋېنگرىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. ۋېنگرىيە تەرەققىي قىلغان سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك دۆلەت. سانائەتتە ماشىنىسازلىق، ئاليۇمىن، خىمىيە، ئېلېكترون ئەسۋابلىرى، توقۇمىچىلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. ۋېنگرىيە ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيادا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ۋېنگرىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان، ئۇنىڭ ماشىنلىشىش سەۋىيىسى يۇقىرى. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىق بۇغداي، ئارپا، كۆممىقوناق، ياڭيۇ، سەي ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىدا چوشقا، ئۆي قۇشلىرى ئاساس قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا كالا بېقىلىدۇ. ۋېنگرىيە ئاسلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى قامداپ ئېكسپورت قىلىدۇ. ۋېنگرىيىنىڭ باغۋەنچىلىكى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھەرخىل مېۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. ۋېنگرىيە چەت ئەللەرگە كران، تراكتور، پاراۋوز، ئاپتوموبىل، ئاليۇمىن ۋە ئاليۇمىندىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىدۇ. كۆمۈر، نېفىت، تۆمۈر رۇدىسى، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ. ۋېنگرىيىنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. ساياھەتچىلىك كىرىمى دۆلەتنىڭ مۇھىم كىرىم مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.
ۋېنگرىيىنىڭ تولۇق نامى <ۋېنگرىيە جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ، ياۋرپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى كاراپات تېغى ئويمانلىقىغا، دوناي دەرياسىنىڭ ئوتتۇا قىسمىغا جايلاشقان. دۆلەت نامىنڭ كېلىپ چىقىشىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار: بىرىنچى، مىلادىدىن بۇرۇن ئەسلى ئورال دەرياسى ۋادىسىدا ياشايدىغان بەزى قەبىلىلەر ھونلارنىڭ بېسىمى بىلەن جەنۇبىي رۇسىيىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئورال تاغ تىزمىسىدىن ئۆتۈپ، بۇ جايغا يېتىپ كەلگەن ۋە ئولتۇراقلىشىپ قالغان، ئەينى چاغدا يەتتە قەبىلە بولۇپ، ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈكى ماجارلار بولغاچقا، يەتتە قەبىلە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ماجارلار دەپ ئاتالغان. بۇنىڭ مەنىسى <يەرلىكلەر> بولۇپ، ۋېنگرىيىلىكلەر ئۆزىنى ماجار دەپ ئاتايدۇ، بىراق باشقىلار ئۇنى ۋېنگرىيە دەپ ئاتايدۇ. Hungaria لاتىنچە سۆز بولۇپ، ئەڭ بۇرۇن مىلادى 10 ~ 11 - ئەسىرلەردە فىرانسىيە ۋە ئىتالىيىنىڭ ئەسەرلىرىدە كۆرۈلىدۇ. ۋېنگرىيە ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە بولسا 1137 - يىلى كۆرۈلىدۇ. ۋېنگر سۆزى ئىنگلىز، نېمىس، فىرانسۇز ۋە رۇس قاتارلىق تىللاردا ئورتاق سۆز يىلتىزىغا ئىگە، يەنى تۈركچە Onogur (جەمەت نامى) بولۇپ، مەنىسى < 10 قەبىلە> بولىدۇ؛ ئىككىنچى، ۋېنگرىيە <ھونلار> دېگەن مەنىدە، ياۋرۇپالىقلار مىلادى 5 - ئەسىردە بۇ يەرنى ئىگىلىگەن ھونلار ۋە توققۇزىنچى ئەسىردە بۇ جايدا ماكانلاشقان ماجارلارنى بىر مىللەت دەپ تونۇغان. 10 - ئەسىردە ماجارلار فرانك پادىشاھلىقىغا تاجاۋۇز قىلغان. فرانك پادىشاھلىقى ئاھالىلىرىنىڭ نەزەرىدە ماجارلار 500 يىل بۇرۇن ئەجدادلىرىنى تىرىپىرەن قىلىۋەتكەن ھونلاردىن ھېچبىر پەرقسىز بولۇپ، ئۇلار توسۇن ئاتلارغا مىنىپ، ھونلارغا ئوخشاش شەرقتىكى يايلاقتىن ھەرىدەك يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، ھەممىلا يەردە بۇلاڭ - تالاڭ قىلغان. كىشلەر قورقۇنچ ئىچىدە بۇ ئاتلىق مىللەتنى Hungari (ھون ئادىمى) دەپ ئاتاشقان، شۇنىڭدىن بۈگۈنكى مىللەت ۋە دۆلەت نامى پەيدا بولغان؛ ئۈچىنچى، مارجارلار ئەسلى ئورال تاغ رايونىدا ياشايدىغان مىنىش مىللىتىگە تەۋە بولۇپ، ماجارلار ئۆزىنى غەربىي سىبىرىيىدە پارچە - پۇرات قېپقالغان باشقا ئوگېر تىل ئائىلىسىدىكىلەر (مىنىش مىللىتى) دىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى <ۋون - ئوگېر> (بۈيۈك ئوگېرلار) دەپ ئاتىغان. بۇ نام كېيىنچە ئۆزگىرىپ <ۋېنىگرىيە> بولۇپ قالغان. مىلادى 1000 - يىلى ۋېنگرىيە شاھلىقى رەسمىي قورۇلغان. 16 - ئەسىردىن باشلاپ ئىلگىرى - كېيىن تۈركلەر ۋە ئاۋىستىرو - ۋېنگر ئىمپېرىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1918 - يېلى ۋېنىگرىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1946 - يىلى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ۋېنىگرىيە خەلىق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. 1989 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى دۆلەت نامىنى <ۋىنگىرىيە جۇمھۇرىيىتى>گە ئۆزگەرتكەن.
ۋېنىگرىيىنىڭ يەر مەيدانى 93 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 10 مىليون 620 مىڭ. ماجارلار 98%نى ئىگىلەيدۇ. كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى بۇداپېشت. پۇل بىرلىكى فورنىت.
1848 - يىلىدىن باشلاپ ۋېنگرىيەقىزىل، ئاق ۋە يېشى ئۈچ توغرا بەلدەملىك بايرىقىنى ئىشلەتكەن. 1946 - يىلى، ۋېنگرىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا دۆلەت بايرىقىغا دۆلەت گېربىنىڭ نۇسخىسىنى كىرگۈزۈپ، 1957 - يىلى چىقىرىۋەتكەن. قىزىل رەك مۇستەقىللىق ئۈچۈن تۆكۈلگەن قان بىلەن بويالغان بايراقنى بىلدۈرگەن، ئاق رەڭ تىنىچلىققا سىمۋول قىلىنغان. يېشىل رەڭ خەلقنىڭ كېلەچەككە بولغان ئۈمىدىنى بېغشلىغان. بۇ ئۈچ خىل رەڭ ۋېنگرىيىدە چوڭقۇر تارىخى مەنبەگە ئىگە. 9 - ئەسىردە، شاھزادە ئاپاد ۋېنگرىيە زېمىنىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقاندا بىر قىزىل بايراقنى بەلگە ئورنىدا ئىشلەتكەن؛ ئاق رەڭ پاپا شېرۋېستىنىڭ ۋېنگرىيە پادىشاھى سان ستېفىنغا بىر ئاق كرېسىت ھەدىيە قىلغانلىقىنىڭ خاتىرسىدۇر. يېشىل رەڭ 15 - ئەسىردىكى ۋېنگرىيە مىللىي قوغدىغۇچىلار ئەترىتىدىكى ئەسكەرلەر فورمىسىنىڭ رەڭگىنى بىلدۈرىدۇ. 1608 - يىلى پادىشاھ ماتتېۋېس Ⅱ تەختكە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا پۇسسۇن چېركاۋى بىلەن فرانشىسكا چېركاۋى ئارىلىقىغا قىزىل، ئاق، يېشىل رەڭلىك بىر پارچە ئۇزۇن گىلەم سالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ۋېنگرىيە قىزىل، ئاق يېشىل رەڭنى دۆلىتىنىڭ بەلگىسىگە ئىشلەتكەن.
دۆلەت گېربى چوققىسىغا ۋېنگىرىيىنىڭ پادىشاھ تاجىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان قالقانسىمان گېرب بولۇپ، تاجىغا نۇر چاقناپ تۇرىدىغان ياقۇتلار نەقىشلەنگەن، ئۇ ۋېنگرىيە تارىخى ۋە مەدەنىيتىنىڭ قىممەتلىك مىراسدۇر. بۇ تاج بىر مەھەل ئوغىرلىنىپ كېتىپ، بىر سىم سېۋەت ئىچىدىن تېپىلغان، ئوغرىنىڭ قوپاللىقى سەۋەلىك تاج ئۈستىدىكى كرېسىت ئېگىلىپ كەتكەن؛ بۇ تارىخنى خاتىرلەش ئۈچۈن، دۆلەت گېربىدىكى تاجىغا بېكىتكەن كرېسىت داۋاملىق سىڭايان تۇرىۋەرگەن. قالقانسىمان گېربىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى بولغان لورلان ( بوتونىي ) ئېپسىكوپنڭ كرېسىتى ۋېنگرىيىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىدىكى تاج ئۈستىدە تىك تۇرۇپ، ۋېنگرىيىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتىنى نامايان قىلغان؛ سول تەرەپتىكى ۋېنگرىيىدىكى ماجارلارنىڭ مىللىي كىيىم نۇسخىسى بولۇپ، ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلىگەن. بۇ دۆلەت گېربىنى ۋېنگرىيىنى جۇمھۇرىيىتى 1989 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىشلىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.