English→Uyghur主要词典
Jalla
ئۇيغۇر چالغۇ ئاتالغۇلىرى
جاللا
بۇ سوقما چالغۇ بولۇپ، ئۇيغۇرلار جاڭ - جاڭ دەپمۇ ئاتايدۇ. مىس ياكى تۇچتىن بىر جۈپ قىلىنىپ، تەخسىسىمان، ئوتتۇرىسى تومپايغان ھالدا ياسىلىدۇ (بەزىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تېرە كېرىلىدۇ) ھەمدە تومپىيىپ چىققان ئۇچىدىكى تۆشۈككە ئۆتكۈزۈلگەن يىپتىن تۇتۇپ، ئىككى دانە تەخسە يۈزىنى بىر - بىرىگە سوقۇشتۇرۇپ چېلىندۇ. بېزەكلىك مىڭئۆينىڭ 29 - غارىدا بىر جۈپ مىس جاللانىڭ رەسىمى ساقلانغان بولۇپ، بۇ قەدىمكى ئىدىقۇت مۇزىكىسىدا جاللانىڭ قوللىنىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئۇيغۇر چالغۇ ئاتالغۇلىرى
جاللا
بۇ قەدىمكى زامان كۇچا مۇزىكا ئوركېستىرىدىكى مۇھىم سوقما چالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىر خەلق ئارىسىدا <جاڭ - جاڭ> دەپمۇ ئاتىلىۋاتىدۇ. ئادەتتە بىر جۈپ چوڭ جاللاغا بىر نەچچە كىچىك جاللانى قوشۇپ بىر گۇرۇپپا قىلىپ ياكى بىر نەچچە گۇرۇپپا جاللالار ناغرا - دۇمباقلار بىرلىكتە خىلمۇ خىل ئۇدار - رىتىملىرىغا تەڭكەش قىلىنىدۇ، بولۇپمۇ قەدىمكى زامان كۇچا ئۇيغۇرلىرىنىڭ شىر - يولۋاس ئويۇنى، نىقابلىق ئويۇنلىرىدا تەنتەنە قىلىش ئۈچۈن جاللا ئاساسلىق رول ئوينىغان.
جاللا قەدىمدىن تارتىپ مىس ياكى تۇچتىن، ئوتتۇرىسى يېرىم شار شەكلىدە كۆپتۈرۈلۈپ، چۆرىسى دۈگىلەك تەخسىسىمان ھالدا ياسالغان، ئۇ ئىككى جاللا بىر جۈپ ھالدا ئىككى قول بىلەن تومپىيىپ چىقىرىلغان قىسىمنىڭ ئۇچىغا بېكىتىلگەن لاتا ياكى شوينا تۇتقۇچىدىن تۇتۇلۇپ، سىلىق يۈز تەرىپىنى (ئويمان ئاستى تەرىپىنى) ئۆز ئارا بىر - بىرىگە سوقۇشتۇرۇپ چېلىنىدۇ ۋە ئاجايىپ تەسىرلىك، تەنتەنىلىك تەخمىنەن 15 - 20 سانتىمېتىر، چوڭلىرىنىڭ تەخمىنەن 30 - 40 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ.