Uyghur主要词典
ھەنبەلىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
فىقھە ئېقىملىرىدىن بىرى بولۇپ، ھەنەفىيە، مالىكىيە، شافىئىييەلەر بىلەن بىر قاتاردا سۈننىي مەزھىپىدىكى تۆت چوڭ فىقھە ئېقىمىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئېقىمنى Ⅸ ئەسىردە باغداتلىق ئىبنى ھەنبەلى بەرپا قىلغان. بۇ ئېقىم فىقھە ئەھكاملىىرنى تۈزگەندە <قۇرئان كەرىم> گە ۋە ھەدىسكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئىجمائ ۋە قىياسنى ناھايىتى ئاز تەتبىق قىلدى. فىقھە مەسىلىلىرى ئۈستىدە شەخسنىڭ پىكىرىگە ئاساسەن ھۆكۈم چىقرىشقا قارشى تۇردى. بولۇپمۇ مۇئتەزىلىيەنىڭ <ئىرادە ئەركىنلىكى> نەزەرىيىسىگە قارشى تۇردى، ئەشئەرىنىڭ ئىلمىي تەۋھىد تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى. قۇرئان ۋە ھەدىسنى مەنبە قىلغان بىلىم خاتا بولمايدۇ. ئىدراكىي ھۆكۈمنى مەنبە قىلغان بىلىم ئىشەنچلىك بولمايدۇ، دەپ قارىدى. تۆت چوڭ فىقھە ئېقىمى ئىچىدە <ئەھلى كىتاب> دەپ ئاتالدى. بۇ ئېقىم تۈپتىن ياخشىلاش، ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلىي روھىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، <ئەسلىيەتچىلىك تەرەپدارلىرى> دەپمۇ ئاتالدى. بۇ ئېقىم <ھەدىسچىلەر> ئاساسىدا تەرەققىي قىلدى. بۇ ئېقىمغا ئاساس سالغۇچى ھەنبەلى مۇئتەزىلىيەلەرنىڭ <>قۇرئان كەرىم< يارىتىلغان> دېيىشىگە قارشى تۇرغانلىقتىن، شۇنداق دېيىشنى قوللايدىغان ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى مەئمۇننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى. ھەدىسچىلەر ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ھەنبەلىيە ئۆچ ئېلىپ، باشقا فىقھە ئېقىملىرىنى باستى، ھەتتا مۆتىدىل ئەشئەرىيلەرمۇ ئۈچ ئەسىر بېسىمغا ئۇچرىدى. ئەبۇل قاسىم ئۆمۈر فەرەقى (؟ - 945)، ئابدۇل ئەزىز بىننى جەئفەر (895 - 974)، ئەبۇل فەرەج بىننى جەۋۋى (1114 - 2000)، مۇۋەففەقىددىن بىننى قۇدامە (؟ - 1223) ۋە ئىبنى تەيمىيە قاتارلىق كىشىلەر بۇ ئېقىمدىكى مەشھۇر فەقىھلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىبنى تەيمىيە فەقىھلەر ئىجتىھاد ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇردى ھەمدە سوپىلارغا چوقۇنۇشتەك <بىدئەتلىك> نى تەنقىد قىلدى. پاك بىر ئىلاھ ئەقىدىسىدە چىڭ تۇردى. شۇڭا كېيىنكىلەر تەرىپىدىن يېڭى ھەنبەلىيە ۋەكىلى دەپ قارالدى. ئۇنىڭ ئىدىيىسى يېقىنقى زاماندىكى ۋەھھابىيگە ۋە زامانىمىزدىكى ئىسلام گۈللىنىش ھەرىكىتىگە مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى. ھەنبەلىيە دەسلەپ بارلىققا كەلگەندە سۈرىيە ۋە ئىراقتا ئاز سانلىق ئەگەشكۈچىلەر بولدى، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەردە روناق تاپتى.