Uyghur→Chinese主要词典
ئامىنو كىسلاتاسى
بىئولوگىيە
氨基酸
ānjīsuān
تەركىبىدە ئامىنو رادىكالى بولغان بىر خىل ئورگانىك كىسلاتا. ئاقسىللارنى تۈزگۈچى ئامىنو كىسلاتالىرى 20 خىل بولۇپ، بۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ a - ئامىنو كىسلاتاسى دەپ ئاتىلىدۇ. 20 خىل تەبىئىي ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ كۆپىنچىسى L - تىپلىق ئامىنو كىسلاتاسى، ئاز ساندىكى D - تىپلىققا كىرىدۇ. مولېكۇلىسىدا ھەم ئامىنو رادىكالى ھەم كاربوكسىل رادىكالى بولىدۇ، شۇڭا ئىككى خىل ئېلېكرولىتنىڭ خۇسۇسىيىتى ئىپادىلىنىدۇ. ئوخشىمايدىغان PH لىق ۋاستە ئامىنو كىسلاتالىرىنىڭ دىسسوتسىئاتسىيىلىنىش شەكلىمۇ ئوخشىمايدۇ، مەلۇم ئامىنو كىسلاتاسى نېيترال ھالەتتە، يەنى ئىككى خىل خۇسۇسىيەتلىك ئىئون ھالىتىدە تۇرغاندا شۇ ۋاقىتتىكى مۇھىتنىڭ PH قىممىتى شۇ ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ ئىزو ئېلېكترىك نۇقتىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئامىنو كىسلاتالىرىنىڭ R رادىكالى ئوخشىمىغانلىقتىن، ئۇلارنى تۆۋەندىكىدەك تۆت تۈرگە بۆلۈنشكە بولىدۇ: (1) قۇتۇپسىز ئامىنو كىسلاتالىرى؛ ئالانىن، لېيتسىن، ئىزولېيتسىن، ۋالىن، پرولىن، فېنىل ئالانىن، ترىپتوفان، مېتىئون قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ يان زەنجىرى قۇتۇپسىز رادىكالغا مەنسۇپ بولىدۇ. (2) زەرەتسىز قۇتۇپلۇق ئامىنو كىسلاتالىرى: سېرىن، ترىئونىن، تىروزىن، ئاسپاراگىن، گلۇتامىن، سىستېئىن، گلىتسىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (3) مۇسبەت زەرەتلىك يان زەنجىرلىك ئامىنو كىسلاتالىرى: لىزىن، ئارگىنىن، گىستىدىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (4) مەنپى زەرەتلىك ئامىنو كىسلاتالىرى: ئاسپاراگىنىك كىسلاتاسى ۋە گلۇتامىك كىسلاتاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلاردىن باشقا يەنە دى يودو تىروزىن، گىسدروكسى پرولىن، گىدروكسى لىزىن، تروكسىن ۋە يېقىندا يېڭىدىن تېپىلغان ئامىنو سىترات (لىمون) كىسلاتالىرى بار.
ئۇنىۋېرسال,باغۋەنچىلىك
氨基酸
ān jī suān