—参考资料
جوئۇل
مەشھۇر شەخسلەر
بۈگۈنكى كۈندە سۈركىلىشتىن ئىسسىقلىق پەيـدا بـولـىـدىـغـانـلـىـقـى ئاددىي ساۋاتقا ئايلاندى. بىراق،100 نەچچە يىل ئىلگىرى، مۇئەييەن سۈركىلىش (ئىش) نىڭ قانچىلىك ئىسسىقلىققا ئايلىنىدىغانلىقى ئىلىم - پەندىكـى قىيىن تېما ئىدى. بۇ تېمىنى ئەڭ بۇرۇن ئەنگلـىـيـىـلـىـك فـىـزىـك جـوئۇل (1818 −1889 ) ھەل قىلغان، كېيىنكىلەر ئىش بىلەن ئېنـېـرگـىـيـىـنـىـڭ بىرلىكىنى «جوئۇل» دەپ ئاتىغان.
جوئۇلنىڭ ئاتىسى ھاراق ئېـچىتـىش ئۇستىسـى ئىدى، جـوئۇل ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىدىلا ئاتىسىنىڭ ھاراقنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى، تـېـمـپـېراتـۇرىـسـى، قويۇقلۇقىنى تەكرار - تەكرار ئۆلچەۋاتقانلىقىنى دىققەت بىـلـەن كـۆزىـتـىـپ، ئىشنى چوقۇم ئەستايىدىل قىلىش كېرەكلىكىنـى بـىـلـگـەن. جـوئۇل چوڭ بولغاندىن كېيىن، تارازا، سائەت، تېرمومېتىر، گالۋانومېتىر قاتارلىـقلار بىلەن بىر ئۆمۈر ھەپىلەشكەن.
جوئۇل ئىلگىرى توك ئۆتۈۋاتقان قارشىلىـق سىمىنى سۇغا سېلىپ، توك پەيدا قىلغان ئىسسىقلىق توك كۈچىنىڭ كۋادراتىغا ئوڭ تاناسىپ، ئۆتكۈزگۈچنىڭ قارشىلىقى بىلەن ئوڭ تاناسىپ، تـوك ئۆتكەن ۋاقىت بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. جوئۇل بۇ قانۇنىيەتنى بايقىغىنىدا23 ياشتىلا ئىدى. جوئۇلنىڭ بۇ تەجرىـبـە نەتىجىلىرى روسىيىلىك فىزىك لېنتسنىڭكى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا دېگـۈدەك بايقالغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى جوئۇل - لېنتس قـانـۇنـى دەپ ئاتىـغان. بـۇ بايقاش ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، خىمىيىۋى ئېـنـېـرگـىـيـە، ئىـسـسـىـقـلـىـق ئېنېرگىيىسىنىڭ تەڭ قىممەتلىكلىكىنى ئېچىپ بېـرىـش ئۈچـۈن ئاسـاس سـالغان، ئېنېرگىيىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىنىڭ قـوۋۇقـىنـى ئاچقان.
جوئۇل مۇشۇ بايقاش ئاساسىدا تۈرلۈك ھەرىكەت شەكىللىرى ئارىسـىـدىـكـى ئېنېرگىيىنىڭ ساقلىنىش ۋە ئايلىنىش مۇناسىـۋىـتـى ئۈسـتـىـدە داۋامـلـىـق ئىزدەنگەن.1843 - يىلى، ئۇ «ئېلېكتر ماگنىتنىڭ ئىسسىقلىق ئېففېكتى ۋە ئىسسىقلىق ئىشىنـىـڭ قىممىتى توغرىسىدا» دېگەن ئىلمىي ماقالىنى يېزىپ، «تەبىئەت دۇنياسىدىكـى ئېنېرگىيىنى يوقاتقىلى بولمايدۇ، مېخانىك ئېنېرگىـيـە سـەرپ بولسا، ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئىسسىقلىق پەيدا بولىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. جـوئۇل بـۇ يەردە ئېنېرگىيىنىڭ ساقلىنىش ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغان. بىراق، ئەينـى چاغدا، كۆپ ساندىكى فىزىكا نـوپۇزلۇقـلـىـرى ئۇنـىـڭ نۇقتىئىنەزەرلىرىگە گۇمانلانغان، ھەتتا قارشى تۇرغان. يەتتە يـىـلـدىـن كېيىن بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىغان.1850
- يىلى، جوئۇل ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمـىـي جـەمئىـيـىـتـىـگـە «ئىسسىقلىقنىڭ مېخانىكىلىق ئېكۋىۋالېنتى توغـرىـسـىـدا» دېـگـەن ئىـلـمـىـي ماقالىنى تاپشۇرۇپ،1 كىلو كالورىيە ئىسسىقـلـىـق9 .423 كـىـلـوگـرام شـالـنـى پىششىقلاشقا كەتكەن مېخانىكىلىق ئىشقا باراۋەر دېگـەن ئەڭ يـېـقـىـنـدىـكـى ئۆلچەش نەتىجىسىنى دوكلات قىلغان، بۇ ھازىـر ئومـۇمـيـۈزلـۈك ئېـتـىـراپ قىلىنغان ئىسسىقلىق ئىش ئېكۋىۋالېـنـتـىـدىـن %0.7 لا كـىـچـىـك، ئەيـنـى چاغدىكى تەجرىبە شارائىتىدا بۇنداق نەتىجىنى ئىنتايىن ئىـنـچـىـكـە بـولـدى دېيىشكە بولىدۇ.
جوئۇل38 يىل ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ، ئەڭ ئاخـىـرقـى نـەتـىـجـىـنـى مۇقىملاشتۇرغىچىلىك400 نـەچـچـە قـېـتـىـمـدىـن ئارتۇق تەجرىبە ئىشلەپ، ئېنېرگىيىنىڭ ساقلىنىش ۋە ئايلىنىش قانۇنىنـىـڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان. كىشىلەر بۇ ئەستايىدىل ئالىمنـى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئىش ۋە ئېنېرگىيىنىڭ بىرلىكىـنـى «جـوئۇل» قـىـلـىـپ بېكىتكەن.