Uyghur主要词典
نېمە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوبيېكتىپ مەۋجۇت ھەممە جىسىم ۋە ھادىسىلەر.
<نەرسە> ئومۇمىي ئات، بارلىق كونكرېت ياكى ئابستراكت ھەممە نەرسە - كېرەككە قارىتىلىدۇ.
<شەيئى> پەلسەپىۋى ئاتالغۇ، ئالەمدىكى ھەممە نەرسىگە قارىتىلغان.
<ئەشيا> تېخى ئىشلەنمىگەن ھەر خىل ماددىي ۋاستىلەر.
<بۇيۇ
ئۇ بازارغا نەرسە ئالغىلى كەتتى. مەندە ھېچ نەرسە يوق. ئۇنىڭ يانچۇقىدىن جىق نەرسە چىقتى. ھەممە شەيئى ئىككى ياقلىمىلىققا ئىگە. زاۋۇت - فابرىكىلاردا خام ئەشيا ئۈزۈلۈپ قالسا، ئىشلەپچىقىرىش توختايدۇ. تۇرمۇش بۇيۇملىرى مول بولسا، تۇرمۇش پاراۋان بولىدۇ. ئۇ تازا بىر قاملاشمىغان نېمە ئىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئال. مەلۇم شەيئى، ۋەقە - ھادىسە قاتارلىقلار ھەققىدە سوراقنى بىلدۈرىدۇ.
نېمە گەپ؟ نېمە ئىش؟ * ئېشىمدا يوق پۇرچاق پوقۇمدا نېمە قىلار (ماقال).
ئال. بەلگە، سۈپەت، خۇسۇسىيەت ۋە ھالەت قاتارلىقلار ھەققىدىكى جۈملىلەردە >قانداق؟< دېگەن سوراق مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ نېمە كىتاب؟ * مەن نېمە گۇناھ قىلدىم؟
ئى. سوئال جۈملە تەركىبىدە قانداق ئۇرۇق - تۇغقانلىق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى سوراش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ كىشى سىزنىڭ نېمىڭىز؟
ئى. سوئال جۈملىنىڭ بېشىدا كېلىپ سوئالنى تەكىتلەيدۇ.
- نېمە؟ سىز ئوقۇماقچىمۇ؟ * نېمە تاشۋاي كېتىمەن دەمدۇ؟ ئال. رىتورىك سوئاللىق جۈملىدە ئىنكار مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ:
ئۆز ئەھلىلىرى تۇرغان يەردە ساڭا نېمە قويۇپتۇ؟
ئال. ئىسىمنىڭ Ⅲ شەخس تەۋەلىك قوشۇمچىسى >سى< بىلەن تۈرلىنىپ، جۈملىدە ئىسىم رولىدا كېلىپ ھەيرانلىقنى بىلدۈرىدۇ.
ئەجەپ ئىش - ھە، كېلىدىغىنىمنى بىلىپ تۇرۇپ تويغا كەتكىنى نېمىسى؟
ئال. بەزى جۈملىلەردە ئىسىمغا ئالىمىشىپ كېلىپ، كەمسىتىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
بۈگۈن ۋايت دېگەن بۇ بىر نېمە، بىزنىڭ ئارقىمىزغا كىرىۋالدى.
يۈك. >مۇ< يۈكلىمىسى ئۇلىنىپ كەلگەن سۆزلەردىن كېيىن كېلىپ، شۇ جۈملىدە ئاڭلىنىلغان گۇماننى، قىياسنى كۈچەيتىدۇ.
مەن پەرىدەنى ئاتتىن يىقىلىپ بىر نەرسە بولۇپ قالدىمۇ - نېمە دەپ دەرھال ئات بىلەن ئۇنى ئىزلەپ يولغا چىقتىم.