—参考资料
داتلاشماس پولات
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
پارقىراپ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان داتلاشماس پولات ئەخلەتتىن تېپىلغان.1
- دۇنيا ئۇرۇشىدا، ئەنگلىيىلىك ئالىم ھېنرى برىللى ئەنگلىيە ھەربىي قورال زاۋۇتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن قورال ياخشىلاشنى تەتقىق قىلىدۇ. ئۇ چاغلاردا ئەسكەرلەر ئىشلىتىدىغان مىلتىقنىڭ ئوقلۇقى ئوڭايلا ئۇپراپ كېتەتتى، برىللى ئاسان ئۇپرىمايدىغان قېتىشما پولات كەشىپ قىلماقچى بولىدۇ. كېيىن ئۇ پولاتقا ھەر خىل ئېلېمېنتلارنى قوشۇپ، نۇرغۇن سىناق قىلسىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمايدۇ، ئۇ ئۈمىدسىزلىنىپ بۇ نەرسىلەرنى ئەخلەتخانىغا تاشلىۋېتىدۇ. زامانلار ئۆتۈپ، مۆجىزە يۈز بېرىدۇ:
ئەخلەتلەر ئىچىدىكى نۇرغۇن كېرەكسىز تۆمۈرلەر داتلىشىپ كېتىدۇ، پەقەت تەركىبىدە خروم بار بىرنەچچە پارچە پولاتلا پارقىراپ تۇرىدۇ. برىللى ئۇلارنى ئېلىپ تەتقىق قىلىپ، تەركىبىدە %24.0 كاربون، %8.12 خروم بولغان خروملۇق پولات يامغۇر - يېشىندىمۇ داتلاشمايدىغانلىقى، ئادەتتىكى پولات - تۆمۈرلەرگە ئوخشاش كىسلاتا ۋە ئىشقارلاردىن مىلتىق ياساشقا بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىڭراق زاۋۇتى قۇرۇپ، داتلاشماس پولاتتىن قىڭراق ئىشلەپچىقىرىپ، ياۋروپانى زىلزىلىگە سالىدۇ.1916 - يىلى ئۇ ئەنگلىيىدە پاتېنتقا ئېرىشىدۇ ۋە كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلايدۇ، نەتىجىدە «داتلاشماس پولات ئاتىسى» بولۇپ قالىدۇ.
كېيىنچە كىشىلەر داتلاشماس پولاتقا خرومدىن باشقا، ئازراق نىكېل، مولىبىدېن، تىتان، مىس، سىلىتسىي ۋە بەزى سىيرەك مېتاللارنى قوشسا، ئۇنىڭ داتلىشىشقا قارشى ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى بايقىدى. ھازىر داتلاشماس پولات قېتىشما چوڭ ئائىلىسىگە تەرەققىي قىلدى، تۈرى نەچچە يۈزگە يېتىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە ئالىملار رەڭلىك داتلاشماس پولاتمۇ كەشىپ قىلدى، ئۇ ئادەتتىكى داتلاشماس پولاتقا رەڭ بېرىش ۋە ئۇنى مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. ئادەتتىكى داتلاشماس پولات تەركىبىدە خروم كىسلاتاسى بار ئىسسىق سۇيۇقلۇققا چىلىنىدۇ، سۇيۇقلۇقنىڭ چىرىتىشى بىلەن يۈزىدە نېپىز ۋە سۈزۈك ئوكسىدلىق قەۋەت ھاسىل بولىدۇ، ئۇ مۇئەييەن دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىكى نۇرنى سۈمۈرۈۋالىدىغانلىقى ئۈچۈن، مەلۇم رەڭلەردە كۆرۈنىدۇ. قىزىقى شۇكى، چىلاش ۋاقتى ئوخشىمىسا، ئوكسىدلىق قەۋەتنىڭ رەڭگىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئەگەر سۇيۇقلۇق ℃ 70قىچە قىزدۇرۇلسا،15 مىنۇت چىلانغىنى كۆك رەڭدە،18 مىنۇت چىلانغىنى سېرىق رەڭدە،22 مىنۇت چىلانغىنى سۆسۈن رەڭدە،24 مىنۇت چىلانغىنى يېشىل رەڭدە كۆرۈنىدۇ. ئاندىن خروم كىسلاتاسى ۋە گۈڭگۈرت كىسلاتاسىغا چىلاپ ئېلېكترولىزلاپ، ئوكسىدلىق قەۋەتنىڭ رەڭگى مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ.
دەرۋەقە، داتلاشماس پولات زادى داتلاشمايدۇ ئەمەس، كۈچلۈك چىرىتكۈچىلەرگە چىلانسا، ئۇمۇ داتلىشىدۇ، پەقەت ئادەتتىكى پولات - تۆمۈرلەردەك ئانچىۋالا داتلىشىپ كەتمەيدۇ.