Uyghur主要词典
باتنىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نارازى بولۇپ قارىماي يۈرمەك.
باتنىغاننىڭ نېسىۋىسىنى باشقىلار يەر. يامانلىغان ئابدالنىڭ خۇرجۇنىغا زىيان. ئىگىسىگە كېرەك بولسا، قوشنىسى ئۆپكىلىمەس. كۆپتىن قېيىداپ كۆنەلمەي قاپتۇ. ئۇ چاپان چۆرۈپ چىقىپ كەتتى. چاپىنىڭنىڭ پېشىنى قاققىنىڭ بىلەنمۇ ئىش پۈتمەيدۇ. تۇرسۇن نېمە بولدىكىن، تەتۈر قاراپ يۈرىدۇ. سىڭايان قارىغانغا سان يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
باشقىلاردىن يامانلىماق، قېيدىماق، رەنجىمەك.
- يۇرتنى خوتۇن خەق سورىسا، ئاخىر زاماننىڭ بولغىنى شۇ، - دەپ باتناپ يىغىندىن چىقىپ كەتكەن ئەر خەقلەرمۇ چىقىپ قالدى.