Uyghur主要词典
قارىشتى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كىرىشتى، قېرىشتى.
بۆرى تىشى قارىشتى _ بۆرىنىڭ چىشى كىرىشتى. بۆرە ئايدا بىر ھەپتە ھېچنېمە يىمەي، ھاۋا يۇتىدۇ، شۇ چاغدا ئۇنىڭ چىشى كىرىشىپ قالىدۇ. تۈن كۈن بىرلە قارىشدى _ تۈن كۈن بىلەن قېرىشتى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ياي قىش بىلە قارىشتى
ئەردەم ياسىن قۇرىشتى
چەرىك تۇتۇپ كۈرەشتى
ئوقتاغالى ئۆترۈشۈر
ياز قىش بىەن قېرىشتى
ئەردەم ياسىنى قۇرۇشتى،
چېرىك تۇتۇپ كۈرەشتى،
ئوقلاشقىلى تاس قالدى.
ياز قىش بىلەن قېرىشتى، ئۇلار ھۈنەر ياسىنى قۇرۇپ، بىر - بىرى بىلەن سەپ تارتىپ كۈرەش قىلدى، بىر - بىرىنى ئوققا تۇتماقچى بولۇۋاتىدۇ.
2 - 129