Uyghur主要词典
مىتان
دۇنيا تارىخى
مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى قەدىمكى دۆلەت. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 17 - ئەسىرلەردە مىتاننىلار (خوررىتلارغا تەۋە) تەرىپىدىن قۇرۇلغان. پايتەختى ۋاشۇگاننې (ھازىرقى زاس ئىل - ئېن). مىلادىدىن ئىلگىرىكى 16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى 17 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دۆلەت قۇدرەت تېپىپ، پادىشاھ شاۋشاتار شىمالىي سۈرىيە ۋە ئاسسۇرىيە (مېسوپامىيە ۋادىسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى) رايونىنى بويسۇندۇرغان ۋە تىزەىنلەپ كەلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىر زەئىپلەشكەن. خېتىت پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سۇپپىلوئوما (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 14 - ئەسىر) ئىچكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، مىتاننى مەغلۇپ قىلغان ۋە ئۇنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى بېسىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاسىرىيىمۇ بىر قىسىم زېمىنىنى تارتىۋالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 13 - ئسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاسۇرىيە پادىشاھى سالماناسار Ⅰ تەرىپىدىن يوقىتىلىپ، ئۇنىڭ زېمىنى ئاسسۇرىيىگە قوشۇۋېلىنغان.