Uyghur主要词典
قىشلىق ساراي
دۇنيا تارىخى
ئەسلىدە چار روسىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئوردىسى ئىدى. لېنىنگرادنىڭ مەركىزىگە، چوڭ نېۋا دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان. ئارخېتىكتور راسترېللى 1754 - 1762 - يىللىرى لايىھىلەپ قۇرغان. 1847 - يىلدىكى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن قايتا قۇرۇلغان. ئوردىدا جەمئىي مىڭ ئېغىزدىن كۆپ ئۆي بولۇپ، كۆركەم بازوككوچە قۇرۇلۇش - مېمارلىق سېرىيىسىنى ھاسىل قىلغان. 1917 - يىلدىكى فېۋرال ئىنقىلابىي ۋاقتىدا قوزغىلاڭچى قۇشۇن مۇشۇ يەردە تۇرغان، كېيىن بۇرژۇئا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي بولغان. 1917 - يىلى 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئىنقىلابىي ئىشچى - ئەسكەرلەر قىشلق سارايغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇ يەرنى ئىگىلىگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن مەشھۇر ئېرمىتاژ موزېيى قىلىنغان.