Uyghur→Chinese主要词典
پاجىئەلىك ھەپتە
دۇنيا تارىخى
悲惨周
bēi cǎn zhōu
1909-يىلى 7-ئايدىكى ئىسپانىيەدىكى بارسېلونا ئىشچىلار قوزغىلىڭى دەھشەتلىك باستۇرۇلغان بىر ھەپتە.1909-يىلى ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ماراكەشتە مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن،بارسېلونادىكى زاپاس ھەربىيلەرنىڭ ئارمىيەبىلەن بىللە مېلىللاغا بېرىشىنى بۇيرۇپ، خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. 7-ئاينىڭ 26-كۈنى بارسېلونادا ئومۇمىي ئش تاشلاش پارتلاپ، ئەتىسى ھۆكۈمەتكە ۋە چېركاۋغا قارشى قوزغىلاڭغا ئايلىنىپ كەتكەن ھەمدە تېزلىكتە كاتالونىيەنىڭ ھەرقايسى بازار ۋە شەھەرلىرىگە كېڭەيگەن. ھۆكۈمەت ئەسكەر يۆتكەپ، 31-كۈنى قوزغىلاڭنى باستۇرغان، نۇرغۇنلىغان قوزغىلاڭچىلار قولغا ئېلىنىپ،4 كىشى ئېتىلغان. ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىقى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىك ئىلغار جامائەت پىكرىنىڭ ئەيىبلىشىگەئۇچراپ، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ ئىچكى كابىنېتى ئستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان.