Uyghur主要词典
كۆممە كاۋا
ئۇيغۇر تائاملىرى
قاتقان چاقما كاۋا بىر دانە، قارىمۇچ ئازراق، گۆش 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پىياز ئىككى باش.
1. گۆشنى ئۇششاق توغراپ، سۈيۈلدۈرۈپ، پىياز، تۇز، قارىمۇچ ئارىلاشتۇرۇپ يۇمشاق قىيما ياسىلىدۇ.
2. ئوتتۇراھال چوڭلۇقتىكى قاتقان چاقما كاۋىنىڭ ساپىقى ئەتراپىدىن چاقماق ئۇرۇپ ئاجرىتىپ ئېلىپ، كاۋىنىڭ ئىچىنى قوشۇق بىلەن قىرىپ، ئۇرۇق - تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ ئىچىگە قىيما تولدۇرۇلىدۇ. ئاندىن پۈتۈن ئاجرىتىپ ئېلىنغان چاقماقنى ئۆز جايىغا قاپلاپ چىڭ ئېتىپ، كاۋىنى ھۆل لاتا ياكى ھۆل قەغەزگە ئوراپ ياكى تونۇرغا كۆمۈپ 2-3 سائەت پىشۇرۇلىدۇ. پىشقان كۆممە كاۋىنى ئورىغان قەغەز ياكى لاتىنى ئېلىۋېتىپ، لېگەنگە ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرىمىز.
ئۇيغۇر تائاملىرى
پىشقان مانتا كاۋىسى بىر دانە، ئۈزۈم شىرنىسى 500 گرام، قۇيرۇق ياغ 105 گرام، يېڭى ياڭاق مېغىزى 70 گرام.
. ياغنى يالپاقلاپ توغراپ، يېڭى ياڭاق مېغىزىنى گۈرۈچتەك چوڭلۇقتا سوقۇپ، ئۈزۈم شىرىسىنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ تاتلىق قىيما ياسايمىز.
2. مانتا كاۋىسىنىڭ ساپىقىنىڭ پەسرەك يېرىدىن چاقماق ئۇرۇپ ئاجرىتىپ ئېلىپ، كاۋىنىڭ ئۇرۇق، تىرىپلىرىنى قوشۇق بىلەن قىرىپ ئېلىۋېتىپ، ئىچىگە تاتلىق قىيمىنى تولدۇرۇپ، ئاجرىتىپ ئېلىنغان چاقماقنى ئۆز جايىغا قاپلاپ چىڭ ئېتىپ، لاتىغا ياكى ھۆل قەغەزگە ئوراپ كاۋىنى دوخاپكىغا سېلىپ ياكى تونۇرغا كۆمۈپ 2-3 سائەت پىشۇرۇلىدۇ. پىشقان كاۋىنىڭ ئۈستىدىكى يۆگەلمىنى ئېلىۋېتىپ، لېگەنگە ئېلىپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.