Uyghur→Chinese主要词典
سىر دەرياسى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
锡尔河
xī ěr hé
سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ دەريا. باش مەنبەسى پەرغانە ئويمانلىقىنىڭ شەرقىدىكى تىيانشاندىن باشلىنىدىغان نارېن قارا دەريالىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان. بۇ ئىككى دەريا قوشۇلغاندىن كېيىن پەرغانە ۋادىسىنىڭ شىمالىنى بويلاپ غەربكە قاراپ ئاقىدۇ. تاشكەنتنىڭ غەربىي جەنۇبىغا كەلگەندە چىرچىق دەرياسى بىلەن قوشۇلغاندىن كېيىن، قىزىل قۇم چۆللۈكىنىڭ شەرقىنى بويلاپ ئېقىپ ئارال دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ. دەريا ئاغزىدا دېلتا تۈزلەڭلىك ھاسىل بولغان. دەريانىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3019 كىلومېتىر، باش ئېقىندىكى ئىككى دەريا قوشۇلغان يېرىدىن ھېسابلىنىغاندا2212 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى 219 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. دېلتا رايونىدىكى كازالىنسكى يېنىدىكى ئوتتۇرىچە يىللىق ئېقىن مىقدارى 446 كۇب مېتىر سېكۇنتقا يېتىدۇ، يىللىق ئومۇمىي ئېقىن مىقدارى 14.1 كۇب كىلومېتىر كېلىدۇ. دەريا سۈيىنىڭ مۇزلاش ۋاقتى تۆت ئايغا يېتىدۇ. دەريانىڭ ئايرىم بۆلەكلىرىدىلا قاتناش قىلىشقا بولىدۇ. غول، تارماق دەريالاردا نۇرغۇن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى بىلەن سۇ ئامبارلىرى قۇرۇلغان. دەريا ئەتراپىدا سۇغىرىلىدىغان يەر 2 مىليون 200 گېكتارغا يېتىدۇ.
تارىخ
西尔河
xī ěr hé