Uyghur主要词典
قانۇن
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قانۇن؛ قائىدە، قائىدە - تۈزۈم؛ قانۇنىيەت: قانۇنپەرەس - قانۇنغا رىئايە قىلغۇچى، قانۇنغا ھۆرمەت قىلغۇچى؛ قانۇن دار - قانۇنشۇناس؛ قانۇن مەسلىھەتچىسى؛ قانۇن دان - قانۇنشۇناس؛ ئاقلىغۇچى، ئادۋۇكات؛ سودىيە، سوت ئەمەلدارى؛ قانۇن شىكەن - قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچى؛ قانۇ گۇزار - قانۇن تۈزگۈچى؛ قانۇن نامە - قانۇن دەستۇرى، قانۇن بەلگىلىمىلىرى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
قالۇن (بىر خىل چالغۇ).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
«قانۇن» دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت ئورگىنى ماقۇللىغان، «شەرىئەت» دىندا قوبۇل قىلىنغان، ئىجرا قىلىنىشى شەرت، مەجبۇرىي بولغان ھەرىكەت مىزانى.
قانۇن ئالدىدا ھەممە باراۋەر. قانۇن ئاجىز ئەلدە زار تۈگمەس. شەرىئەتنىڭ مىڭ بىر پۇتىقى بار. قول قولنى تونۇيدۇ، شەرىئەت يولنى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مەمۇرىي قائىدە - قانۇنلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ فېئودال پادىشاھلىرى (خەلىپە، ئەمىر، سۇلتان قاتارلىقلار) ئىسلام شەرىئىيتىگە خىلاپلىق قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا، شەرىئەتتىك نۇقسانلارنى تولۇقلاش ئۈچۈن بەلگىلىمىلەر تۈزۈپ چىقتى. تارىختا بۇ بەلگىلىمىلەر فەقىھلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ، شەرىئەتتە ھۆكۈمراننىڭ ئەدلىيە ساھەسى دەپ قارالدى. يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئىسلام دۆلەتلىرى مەمۇرىي قانۇن چىقىرىش نامى بىلەن ئىسلام شەرىئىتىنى ۋە سوراق قىلىش، ھۆكۈم كېسىش تۈزۈمى تۈزىتىپ، شەرىئەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ كەلدى ھەم مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ھېسسىياتىغا نۇقسان يەتكۈزمىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئوبېيكتىپ رېئاللىقتا تۈرلۈك ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدا كىشى ئېڭىدىن ۋە ئىختىيارىدىن تاشقىرى ھەمىشە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدىغان مۇقەررەر باغلىنىش، مۇناسىۋەت.
جەمئىيەت تەرەققىياتى قانۇنى. تەبىئەت قانۇنى. زىددىيەت قانۇنى. ئېنېرگىيىنىڭ ساقلىنىش قانۇنى.
<قا> ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، دۆلەت تەرىپىدىن تۈزۈلىدىغان ياكى ئېتىراپ قىلىنىدىغان، ئىجراسى دۆلەتنىڭ زورلۇق كۈچى ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ھەرىكەت مىزانى. ئادەتتە ئۇ يازما شەكىلدە بولىدۇ. مەسىلەن، ئاساسىي قانۇن، جىنايى ئىشلار قانۇنى، ھەق تەلەپ قانۇنى دېگەنلەرگە ئوخشاش.
بېجىرىلىشى شەرت، مەجبۇرىي بولغان، قائىدە، ئادەت تۈسىگە كىرگەن تەلەپ، تاپشۇرۇق ۋە شۇ قاتارلىقلار.
ئاتىسىنىڭ سۆزى - ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر قانۇن.
بىر دىندا قوبۇل قىلىنغان ئەخلاق ۋە رەسىم، رەسمىيەت قائىدىلىرى سىستېمىسى.
شەرىئەت قانۇنى.