Uyghur主要词典
قىلىچ پەرمانى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە ئاروچى -موموياما دەۋرىدە دېھقانلارنىڭ قورال تۇتۇشنى مەنئىي قىلىپ، ئەسكەر بىلەن دېھقاننى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلغان مۇھىم تەدبىر. ئودا نوبۇناگا ئۆلگەندىن كېيىن تويۇتومى خىدېيوشى ھوقۇق تۇتقان، ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەر ئۆلچەشنى يولغا قويغان، دېھقانلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يىللىق تارتۇق - سېلىق كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلىش، دېھقانلارنى بىر نىيەتتە يەر تېرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئەسكەر بىلەن دېھقاننى ئايرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، 1588 - يىلى <قىلىچ پەرمانى>نى چىقىرىپ دېھقانلارنىڭ قىلىچ، ئوقيا، مىلتىق ۋ قارا مىلتىق قاتارلىق قوراللارنى تۇتۇشىنى مەنئىي قىلغان.