Uyghur主要词典
لۇگبارالار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
لۇگبارالار شەرقىي ئافرىقىنىڭ چوڭ كۆل رايونىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <لاككارالار>، <لۇگورولار>، <لۇگۋارىلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بىراق ئۆزلىرىنى <ئاندرېبالار> دەپ ئاتىشىدۇ، لۇگبارالار ئاساسەن زايىر (850 مىڭ)، ئۇگاندا (500 مىڭ) ۋە سۇداندا تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليون 450 مىڭ، ئۇلار زايىر ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 4 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
لۇگبارالار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، نىلوت - سەھرا تىللىرى سىستېمسى شارى - نىلوت تىللىرى گۇرۇپپىسىغا ئوتتۇرا سۇدان تىللىرى تارمىقىغا تەۋە لۇگبارا تىلىنى قوللىنىدۇ.
لۇگبارالارنىڭ كۆپىنچسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، بىر قىسمى خرىستىئان ياكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئاھالىسى ئاساسەن ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى قوشۇمچە بېلىقچىلىق، ئوۋچىلىق ۋە يىغمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا باتات بىلەن بانان قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ئۆستۈرىلىدۇ.
لۇگبارالاردا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بالاغەتكە يېتىش مۇراسىمىنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈپ، شۇ كۈنى ئۇتتۇر چىشىنى تارتىۋېتىش ئادەتلىرى بار.