Uyghur主要词典
ئاساس
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تام، ئۆي - ئىمارەتنىڭ گەۋدىسىنى يۆلەپ تۇرىدىغان ئەڭ ئاستى قەۋىتى.
بىنانىڭ ئاساسى ئۇنىڭ ساقچىسى. ھەممە ئىشنىڭ يولى بار، ھەممە تامنىڭ ئۇلى. ئۇلى ناچار بىنا ياخشى بولماس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ تېگى، يۆلەپ تۇرىدىغان تۆۋەن قىسمى.
تىلشۇناسلىق ئاساسلىرى. مائارىپ. ئاساسىڭ نۆل بولسا، ئىشنى نۆلدىن باشلا. نېگىزى بوشنىڭ ئۆزىمۇ بوش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
نەرسىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى تۇتۇپ ياكى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان قىسمى، ئۇل.
ئىجتىمائىي ھايات ياكى تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ نېگىزىنى تەشكىل قىلغان نەرسە، تايانچ، نېگىز، بازا.
سوتسىيالىزمنى پەنگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئەڭ ئاۋۋال ئۇنى رېئال ئاساسقا قويۇش كېرەك.
باش قائىدىلەر، ئاساسىي پرىنسىپلار.
لۇغەتشۇناسلىق ئاساسلىرى.
سادىر بولغان ياكى قىلىنغان ئىش - ھەرىكەت ۋە گەپ - سۆز قاتارلىقلارغا خىزمەت قىلىدىغان دەلىل، ئىسپات، سەۋەب.
ھازىر قاسىم توغرۇلۇق بىرنەرسە دېيىشكە تېخى ئاساس يوق.
<مات> گېئومېتىرىيىلىك شەكىلنىڭ، چېرتيوژنىڭ ئاستى تەرىپىگە پاراللېل بولغان تەرىپى.
<مات> دەرىجىگە كۆتۈرۈلىدىغان ئەسلىدىكى سان.
<خىم> كىسلاتالار بىلەن ئۆزئارا بىرىكىپ، تۇز ھاسىل قىلىدىغان بىرىكمە يەنى گىدوكسىل گۇرۇپپىسى بولغان بىرىكمىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى.