Uyghur主要词典
ياق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
تەرەپ،يان، قاش.
ئۇ ياق، بۇ ياق. * كوچىنىڭ ئىككى يېقى قاتار كەتكەن دەرەخلىق. * قىرىق كىشى بىر ياق، قىڭغىر كىشى بىر ياق (ماقال). * ئۇ ياققا تارتسام ئات ئۆلىدۇ، بۇ ياققا تارتسام ھارۋا سۇنىدۇ (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ياقماق، يېقىش، ئوت ئالدۇرماق، ياندۇرماق.
ئوچاققا ئوت ياق. * بىر كىشى ياققان ئوت يۈز كىشىنى ئىسسىتار (ماقال).
ئەخمەق كۈندۈزى چىراق ياقىدۇ،
يېغى تۈگەپ، كېچىسى ئايغا باقىدۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ياقماق، يېقىش. چاپلىماق، ياپماق.
نان ياقماق. * يارىغا دورا ياقماق. * كۈندۈزى گەپ قىلساڭ، ئەتراپقا باق، كېچىسى گەپ قىلساڭ، قۇلاقنى قۇلاققا ياق (ماقال). * مەنمۇ سىيىر ساغارمەن، تامغا تېزەك ياقارمەن (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ياقماق، يېقىش.1. خۇشى كەلمەك، يارىماق، ماقۇل كۆرمەك.
ئۇ ماڭا ياقىدۇ. * ئۇنىڭ گېپى كۆڭلىگە ياقتى. * ئەلگە ياققان خار بولماس (ماقال).
2. لايىق كەلمەك، شىپا بولماق. بۇ يەرنىڭ ھارۋاسى ماڭا ياقتى. * بۇ دورا ئاپامنىڭ كېسىلىگە خېلى يېقىپ قالدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
مودال سۆز.
ئىنكار مەنىسىدە كېلىدۇ.
بازارغا بارامسەن؟ - ياق. * ياق دېمەي ئىشىمنى پۈتتۈرۈپ بەرسىلە. * يۇمشاققا ماقۇل، قاتتىققا ياق (ماقال).
«ياق» تىن بىر تۇيۇق:
پەس خۇلقنى ئۆرتە، ئوتقا ياق، بالام،
پەن - بىلىم رەناسىغا لەۋلىرىڭنى ياق بالام.
باش ئېگىپ خەلقىڭگە قۇلدەل ياشىغىن،
بۇيرۇسا قاي ئىشقا، دېمە ياق، بالام.
- ئابدۇكېرەم مەقسۇت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەرسىنىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ بىرى.
دەريانىڭ ئىككى قىرغىقى، شەيئىنىڭ ئىككى تەرىپى بولىدۇ. ئەل قايان، سەن شۇ يان. ھەرقانداق يامان ئىشنىڭ ياخشى يېقى چىقار. ھەرقانداق مەسىلىنىڭ ئىككى يىقى بولىدۇ. ئۇ قاتتىكىنى بىلەي دېسەڭ دەريادىن ئۆت. نوتلىقىدا باغۋەن دەرەخنى ئېگىپ قويىدۇ خالىغان تامان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىنكار مەنىسىدە كېلىدۇ. <يوق> تىن ئۆزگەرگەن.
- بازارغا بارامسەن؟
- ياق،
- ئاش يېدىلىمۇ؟
- يوقسۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىنكار جاۋاب.
ھە، ھەئە، خوپ، خوش، ماقۇل
ئىجابىي جاۋاب.
ھە، بارسام باراي. ھەئەدىن ئوبدان جاۋاب يوق، جىگەردىن ئوبدان كاۋاپ (يوق). بارغا خوپ، يوققا يوق. يۇمشاققا خوش، خوپ، قاتتىققا يوقسۇ، ياق. ئۆزى تىلىمەيدۇ، بەرسەڭ ياق دېمەيدۇ. ماقۇل دېسەڭ، خوپ دەيدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ياق يۇق _قاچا يۇقى. يىراق تۇغقانلارغا « ياق يۇق قاداش» دېيىلىدۇ. بۇ، ئۇنىڭ بىزگە يېقىنلىقى قاچا يۇقىغا ئوخشاش دېگەنلىكتۇر.
3 - 219
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
بولماسلىق، رەت قىلىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
— ياق مۇئەللىم، بۇنداق قىلسىڭىز بىز خىجىل بولۇپ قالىمىز،— دېدى سىدىق.
— بىزلەرنى تونۇدىڭىزمۇ؟— دەپ سورىدى ئۇلار. — ياق، سىلەر كىم بولىسىلەر،— دېدىم جاۋاب بېرىپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تەرەپ، تامان.
ئۇياق - بۇياق.
شۇ ئاندا ئەل ئىچىدىن ۋاڭ - چۇڭ كۆتۈرۈلدى، ئالدى ياقتىن يەنە بىر تۈركۈم لەشكەر چىقىپ كەلدى.
تۇرسۇننىڭ كۆزلىرى داۋۇتنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، دەررۇ سالاملاشتى، كېيىن باشقا ياققا بۇرۇلدى.
كۆرسىتىش ئالماشلىرى بىلەن كېلىپ ئادەملەرنى سىپايە ئاتاپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
— بۇ ياق ئالاقانات يەن چىڭ دېگەن بولىدۇ،— دېدى ليۇ بېگىم.