—参考资料
ئۇيغۇرلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
ئۇيغۇرلار ئېلىمىزدە ياشىغۇچى قەدىمىي، مەدەنىيەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلار خەنزۇ تارىخنامىلىرىدا <يۈەنخې>، <ۋۇخۇ>، <ۋېيخې>، <خۇيگۇ (خۇيخۇ)> قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتالغانىدى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى دەۋرلەردە خەنزۇچە ھەر خىل تەلەپپۇز قىلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئۇيغۇرلارنىڭ 2.96 پىرسەنتى ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (7 مىليون 194 مىڭ) دا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، قالغان قىسمى قازاقىستان (186 مىڭ)، ئۆزبېكىستان (36 مىڭ)، قىرغىزىستان (39 مىڭ) جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى (50 مىڭ)، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 7 مىليون 800 مىڭدىن كۆپرەك.
ئۇيغۇرلار ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپسى غەربىي ھۇن تىللىرى ئۇيغۇر - قارلۇق تىل تارمىقىغا تەۋە ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىدۇ. ئۇيغۇرلار تارىختا قەدىمىي مانى يېزىقى، سوغدى يېزىقى، بىراھما يېزىقى، تۈرك يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىق كۆپ خىل يېزىقلارنى قوللانغان، باشقا مىللەتلەرنىڭ يېزىق تەرەققىياتىغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەنىدى، ⅩⅠ ئەسىردىن تارتىپ ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللانغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئىسلام دىنى سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى سوفىزم (ئىشان) مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئاساسەن دېھقانچىلىق، قوشۇمچە چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا - سېتىق قاتارلىق كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئۇزاق تارىخىي مۇساپىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ شىمالىي ۋە غەربىي شىمالىدا ياشىغان دىلى، دىڭلىڭ، ھۇن، تۈرك، توخرى، ساك ۋە موڭغۇل قاتارلىق قەدىمكى مىللەتلەر ئېتنىك تەركىبىنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
ئۇيغۇرلاردا ئاساسەن بىر ئەر - خوتۇنلۇق نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، توي - تۆكۈن ئىشلىرى ئادەتتە تونۇشۇش، ياكى لايىق تاللاش، چاي ئىچۈرۈش ۋە توي قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچنى باشتىن كەچۈرىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا دەپنە ئىشلىرى ئىسلام ئەھكامى ياكى قائىدىسى بويىچە تېز دەپنە قىلىش يولغا قويۇلىدۇ، جەسەتنى (مېيتنى) بىر كۈندىن، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ كۈندىن ئوشۇق ساقلىمايدۇ، ھازىدارلارنىڭ ئەرلىرى بېلىگە ئاق بەلباغ، ئاياللىرى بېشىغا ئاق رومال كسالىدۇ، دەپنە قىلغاندا ئاياللارنىڭ قەبرىستانلىققا چىقىشىنى چەكلەيدۇ، دەپنە قىلىنىپ، 3 -، 7 - ،40 - كۈنلىرى ۋە بىر يىل توشقاندا مەرھۇمغا ئاتاپ نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزىلىدۇ، قارى تەكلىپ قىلىپ خەتمە - قۇرئان قىلدۇرىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي ھېيت - ئايەملىرىدىن ئاساسلىقى، روزى ھېيت، قۇربان ھېيت، نورۇز ۋە مەۋلۇد قاتارلىقلار بار، روزى ھېيت قۇربان ھېيتنىڭ ۋاقتى ھىجرىيە بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە مەۋلۇد، بارات قاتارلىق دىنىي ئايەم - مۇراسىملىرىمۇ بار.ئۇيغۇرلار ئەدەپ - قائىدىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ ھەم مېھماندوست كېلىدۇ، ئۆزئارا ئۇچراشقاندا سالام قىلىشىپ، تىنچ - ئامانلىق سورىشىدۇ، چوڭلارنى ھۈرمەتلەيدۇ، چوڭلارغا يول بېرىدۇ، چوڭلار ئالدىدا ئەدەپسىزلىك قىلمايدۇ، يېنىدا ئادەم بار جايلاردا مىشقارمايدۇ، يەرگە تۈكۈرمەيدۇ، ئەسىنىمەيدۇ، ئۆيگە كەلگەن مېھمانلارنى، ئاۋۋال چاي - مەزە، كېيىن پولۇ - مانتا، خۇشاڭ، كاۋاپ، شورپا - قورداق، چۆچۈرە، ئۈگرە قاتارلىق قويۇق ۋە سۇيۇق تائام ۋە باشقا نازۇ نېمەتلەر بىلەن قىزغىن كۈتىۋالىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا مېھمان كۈتۈشتىمۇ بىر يۈرۈش ئۆزىگە خاس قائىدە - يوسۇنلار بار. ئۇيغۇرلار غىزانى ئالدى بىلەن چوڭ، مويسىپىت كىشلەرگە ئەكېلىدۇ، غىزا ياكى چاي تارتقاندا پەتنۇس بىلەن ئىككى قوللاپ سۇنۇلىدۇ، ھەرگىز بىر قول، بولۇپمۇ سول قول بىلەن مېھمانغا غىزا سۇنمايدۇ، مېھمانغا غىزا ياكى چاي قويغاندا، قاچىنىڭ تازىلىقى ۋە بېجىرىم بولۇشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ، ھەرگىز دەز كەتكەن ياكى پۇچۇق قاچا - قۇچىلارنى ئىشلەتمەيدۇ، بىر قاچىدا غىزالىنىشقا توغرا كەلسە ھەركىم ئۆزئالدىدىكى غىزانى يەيدۇ، باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى غىزاغا چاڭ سالمايدۇ، ھەمدە قاچىدىكى غىزانى قوچۇمايدۇ، مېھمانلار داستىخانغا دۇئا ياندۇرغاندىن كېيىن، ساھىبخان مېھمانلارنى دەرۋازا سىرتىغا چىقىپ ئۇزىتىپ قويىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس رەڭ قارىشى بار، قىزىل رەڭنى غەلبىنىڭ، خوشاللىق، شادلىقنىڭ سمۋولى؛ ئاق رەڭنى ئامەت، تىنچ - ئامانلىق ۋە ساپلىق - پاكلىقنىڭ سىمۋولى؛ سېرىق رەڭنى پەرىشانلىق، غەمكىنلىكنىڭ سىمۋولى؛ قارا رەڭنى زۇلمەت، قايغۇ - ھەسرەت ۋە مۇسىبەتنىڭ سىمۋولى؛ كۆك رەڭنى ياخشىلىق، ئۇلۇغلۇقنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ ۋە ئۇنى كۆپ قوللىنىدۇ.
ئۇيغۇرلار 3، 7، 9، 40 قاتارلىق رەقەم (سان) لەرنى خاسىيەتلىك ھەم مۇقەددەس رەقەم دەپ قارايدۇ.
<ئون ئىككى مۇقام> ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ھەم غۇرۇرى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرى سەنئەت خەزىنىسىگە قوشقان قىممەتلىك تۆھپىسى ۋە بىباھا مىراسى ھېسابلىنىدۇ. چوڭ ھەجىملىك بۇ كىلاسسىك مۇزىكا جەمئىي 365 ئاھاڭ، 2 مىڭ 500 مىسرا ناخشا - غەزەللەردىن تەركىب تاپقان.
ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي چالغۇ - ئەسۋابلىرى راۋاپ، دۇتار، ساتار، تەمبۇر، داپ، ناغرا، نەي، ساپاي قاتارلىق 40 نەچچە خىلغا يېتىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك يازما ئەسەرلىرىدىن <قۇتادغۇبىلىك> ۋە <تۈركىي تىللار دىۋانى> (<دىۋانۇلۇغاتىت تۈرك>) قاتارلىقلار بار، <تۈركىي تىللار دىۋانى> ئۈچ توملۇق گىگانت ئەسەر بولۇپ، ئۇ تىل - ئەدەبىيات، تارىخ، ئېتنوگىراپىيە، جۇغراپىيە، تىبابەتچىلىك، ئاسترونومىيە، كالېندارچىلىق قاتارلىق كۆپ خىل پەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ بىر قامۇس (ئېنسكلوپېدىيە) ھېسابلىنىدۇ، ئۇ يۈكسەك ئىلمىي قىممەتكە ئىگە نادىر ئەسەرلەر قاتارىغا كىرىدۇ.
ئۇيغۇرلار مول خەلق ئېغىز ئەدەبىيات مىراسلىرىغا ئىگە مىللەت، ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا ئۆزلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ۋە ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپلىگەن رىۋايەت، ئەپسانە، چۆچەك، بېيت، ئەقىلىيە سۆزلىرى، ناخشا - قوشاق، مەسەل، ماقال - تەمسىل، تېپىشماق قاتارلىق مول، كۆپ خىل خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىنى ياراتقان.
ئۇيغۇرلارنىڭ يازما ئەدەبىياتى تارىخىدا سىڭقۇ سالى تۇتۇڭ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى، ئەخمەت يۈگنەكى، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر، قېدىرخان، ئابدۇرېھىم نارازى، مۇھەممەد سادىق قەشقەرى، موللا مۇسا سايرامىى قاتارلىق مەشھۇر مۇتەپەككۇر، ئالىم، تارىخشۇناس، ئەدىب - شائىرلار مەيدانغا كەلگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئاساسلىقلىرى دارۋازلىق، چېلىشىش، چاقپىلەك (سارغايدى)، جانبازلىق (چامباشچىلىق)، بۇقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش، كالتەك تارتىشىش، قوچقار، توخۇ، بۇقا سوقۇشتۇرۇش، ئات ۋە تۆگە بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، ئىلەڭگۈچ ئۇچۇش ۋە مەشرەپ - بەزمە قاتارلىقلار بار.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە قەرەللىك پەسىل خاراكتېرلىك باھار سەيلىسى، گۈل سەيلىسى، ئۈژمە سەيلىسى، ئۈرۈك سەيلىسى، ئەنجۈر سەيلىسى، ئۈزۈم سەيلىسى، قوغۇن سەيلىسى ۋە ئوردام سەيلىسى (ئاساسەن قەشقەر رايونىدا) قاتارلىق سەيلە - باراۋەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان داۋام قىلىپ بىر خىل ئەنئەنىگە ئايلانغان.
ئۇيغۇرلار ئۇچار قۇشلارنى، بولۇپمۇ قارلىغاچ، بۇلبۇل قاتارلىق قۇشلارنى ئالاھىدە ئاسىرايدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا پەرھىزلىرىمۇ كۆپ، ئۇيغۇرلاردا چوشقا گۆشىنى، ھارام بولۇپپ قالغان ياكى ئۆزى ئۆلگەن سويمىغان مەكروھ گۆشنى، بەزى گۆشخور يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېمەيدۇ.
ئۇيغۇرلار زىناخورلۇق، كىشىنىڭ مال - دۇنياسىغا قارا ساناش، كىشىنىڭ ھەققىنى يېيىش، كەيىپخورلۇق، قىمارۋازلىق، سۇخەنچىلىك، كىشىگە تىغ تەڭلەش، كىشلەرنىڭ ئايالىنى ئاتاپ تىللاش، نان پارچىلىرىنى دەسسەش قاتارلىق قىلىقلارنى بەكمۇ ئېغىر ئالىدۇ.