Chinese→Uyghur主要词典
柳得恭
دۇنيا تارىخى
ليۇدېگوڭ
(1748 - ؟) چاۋشيەن لى سۇلالىسىلىق ئەدىب ۋە شائىر. ئىسمى خۇيفېڭ، لەقىمى لىڭرۇي. لى دېماۋ، پوجىجا، لى شوجۇ قاتارلىقلار بىلەن يېڭى خەنزۇشۇناسلىق مەزھىپىدىكى تۆت ئەدىب دەپ ئاتالغان. 1779 - يىلى كۇيخاڭگى كۇتۇپخانىسىنىڭ مۇھەررىرى بولغان. ناھىيە بېگى، ۋىلايەت ئامبىلى ۋە مەھكىمە ئەمەلدارى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. ئۇنىڭ <گويۇنتاڭ سارىيى خاتىرىلىرى>، <ياڭيى توپلىمى>، <بوخەي دېڭىزى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش>، <تۆت ۋىلايەت تەزكىرىسى> ۋە <لىڭرۇي توپلىمى> قاتارلىق كىتابلىرى بار. ليۇدېگوڭ چاۋشيەن ئەدەبىيات تارىخىدا خېلىلا تەسىرىگە ئىگە.