Uyghur主要词典
كېرىلىش رېفلېكسى
بىئولوگىيە
ئىسكىلىت مۇسكۇى سىرتقى كۈچنىڭ تارتىپ سوزۇشىغا ئۇچرىغاندا ھاسىل بولىدىغان رېفلېكسلىق قىسقىراش پائالىيىتى كېرىلىش رېفلېكسى دېيىلىدۇ. پەي رېفلېكسى (<پەي رېفلېكسى> گە قارالسۇن) ۋە مۇسكۇل جىددىيلىكى ئىسكىلىت مۇسكۇلىنىڭ داۋاملىق يېنىك دەرىجىلىك قىسقىراش ھالىتىدە تۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ مۇسكۇلنىڭ دەرىجىلىك قىسقىراش ھالىتىدە تۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ مۇسكۇلنىڭ ئاستا ھەم ئۈزلۈكسىز تارتىشقا ئۇچرىغانلىقتىن يۈز بېرىدىغان رېفلېكسلىق قىسقىراش پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ. رېتسېپتورلىرى مۇسكۇلنىڭ ئۆزىدە بولۇ، مۇكا شەكلىدە بولغاچقا مۇسكۇل مۇكىسى دېيىلىدۇ. مۇسكۇل تارتىشقا ئۇچراپ كېرىلىش كۈچىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندە مۇسكۇل مۇكىسى غىدىقلىنىپ مەركەزگە كىرگۈچى نېرۋىلار مەركىزىگە يەتكۈزۈلىدۇ. ئاندىن چىققۇچى نېرۋىلار ئارقىلىق تارتىلىۋاتقان مۇسكۇللاردا جىددىيلىشىش خاراكتېرلىك قىسقىراش پائالىيىتى پەيدا قىلدۇرىدۇ. مەسىلەن، ئادەم ئۆرە تۇرۇشقا تەمشەلگەندە، ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىدىن بېشى تىك تۇرالماي ئېگىلىدۇ، كۆكرەك ۋە بەللىرى تۈزلىنەلمەيدۇ، يانپاش بوغۇمى ۋە تىز بوغۇملىرىمۇ ئېغىرلىق كۈچى تەرىپىدىن ئېگىلىپ تۈز ئۇزىرالمايدۇ، لېكىن بوغۇملارنىڭ ئېگىلىشى تۈپەيلىدىن تارتىلىشقا ئۇچرىغان بويۇن قىسمىدىكى بەزى مۇسكۇللار گۇرۇپپىسى ۋە پۇت بوغۇملىرىدىكى ئۇزارغۇچى مۇسكۇللار گۇرۇپپىسىدا قىسقىراش پائالىيىتى ھاسىل بولۇش بىلەن باشنى كۆتۈرۈشكە كۆكرەك - بەللەرنى تىكلەشكە، پۇتلىرىنى تۈزلەشكە بولىدۇ - دە، تىك تۇرۇش قىياپىتىنى ساقلاشقا بولىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ئىسكىلىت مۇسكۇللىرى ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تارتىش رولىغا دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئىسكىلىت مۇسكۇللىرى دائىم بەلگىلىك جىددىيلىك ھالىتىنى يەنى مۇسكۇل جىددىيىلىكىنى ساقلايدۇ. بۇنداق جىددىيىلىكنىڭ ساقلىنىشى، مۇسكۇللار ئىچىدىكى ھەرىكەت بېرلىكلىرى (بىر نېۋرون بىلەن شۇ نېۋرون باشقۇرىدىغان مۇسكۇل تالاسى بىر ھەرىكەت بىرلىكىنى تۈزىدۇ) نىڭ نۆۋەتلىشىپ قىسقارغانلىقىنىڭ نەتىقىسى بولغاچقا مۇسكۇل جىددىيلىكى ئاسان چارچىمايدۇ. مۇسكۇل جىددىيلىكى مېڭە غولى، كىچىك مېڭە ۋە چوڭ مېڭىنىڭ تەڭشىشىگە ئۇچراپ، مۇسكۇل جىددىيىلىكىنى كۈچەيتىش ياكى تورمۇزلاش ئارقىلىق پۈتۈن بەدەندىكى ئىسكىلىت مۇسكۇللىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى جىددىيىلىكنى ساقلايدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ھەم ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئادەم بەدىنىدە ھەرخىل ئوخشىمىغان قىياپەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا مۇسكۇل جىددىيىلىكى بەدەننىڭ قىياپىتىنى (تۇرقىنى يەنى فىگۇرىسىنى) ساقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق رېفلكېس پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ.