Uyghur主要词典
كانادا
دۇنيادىكى دۆلەتلەر
ئامېرىكا
-كەنت ياكى كەپە
شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 9 مىليون 956 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، يەر مەيدانىنىڭ چوڭلۇقى جەھەتتە دۇنيادا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ 10 ئۆلكە، ئىككى رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كانادانىڭ ئاھالىسى 25 مىليون 213 مىڭدىن ئاشىدۇ (1984)، ئاھالىسىدە ئىنگلىزلارنىڭ ئەۋلادلىرى %40.2 نى، فرانسۇزلارنىڭ ئەۋلادلىرى %26.7 نى، يەرلىك ئىندىئانلار بىلەن ئېسكىموسلار% 5 نى، قالغان قىسمىنى ئىتالىيان، نېمىس، ئوكرائىن قاتارلىق ياۋروپانىڭ باشقا جايلىرىدىن كەلگەن خەلقلەرنىڭ ئەۋلادلىرى تەشكىل قىلىدۇ. كانادادىكى خەنزۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى 300 مىڭدىن ئاشىدۇ (1982). ئاھالىنىڭ% 47.3تى كاتولىك دىنىغا،% 41.2 تى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىنگلىز، فرانسۇز تىللىرىنى ئورتاق قوللىنىدۇ، ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدىغانلار% 67 نى، فرانسۇز تىلىنى قوللىنىدىغانلار 25.5% نى ئىگىلەيدۇ، كانادا يۇقىرى كەڭلىككە جايلاشقانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ جەنۇبىي قىسمى بىلەن شىمالىنىڭ كەڭلىكلىرىدە تۇتقان ئورنىدىمۇ زور پەرق بولغانلىقى، ئۇنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا تەسىر قىلىدىغان ھاۋا ئېقىملىرىنىڭ تەسىرى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، شىمال بىلەن جەنۇبنىڭ، غەرب بىلەن شەرقنىڭ ئىقلىمىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ شىمالىي قىسمى سوغۇق تۇندرا بەلبېغىغا، جەنۇبى سوغۇقراق مۆتىدىل بەلباغقا توغرا كېلىدۇ. غەربتىكى ئالياسكا قولتۇق بويلىرىدا يىللىق، ئالياسكا ئېقىمىنىڭ تەسىرى بلغانلىقتىن، ئىقلىمى يىللىق نەم بولۇپ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 2000-2700 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. كانادانىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرى قىشتا سوغۇق، يازدا سالقىن بولۇپ، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 250-500 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. شەرقىدىكى دېڭىز ياقىلىرىنىڭ 400-1000 مىللىمېتىر، شىمالىي قىسمىنىڭ 100-200 مىللىمېتىر بولىدۇ. كانادا ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى دۆلەتنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى سانائەت، يېزا ئىگىلىك رايونلىرىغا مەركەزلەشكەن. كانادا ئەسلى ئىندىئانلار بىلەن ئېسكىموسلارنىڭ ئولتۇراقلاشقان ماكانى ئىدى. 1497 - يىلى ئەنگلىيىلىكلەر نېۋفا ئوندېند ئارىىلنى تاپقاندىن كېيىن، بۇ جاينى ئەنگلىيىنىڭ يېرى دەپ ئېلان قىلدى، 16 - ئەسىردىن باشلاپ فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيىلىكلەر بېسىپ كىرىشكە باشلىدى. 1756 - يىلى فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا يەتتە يىل ئۇرۇش بولدى، ئۇرۇشتا فرانسىيە يېڭىلىپ 1763 - يىلىدىكى <پارىژ شەرتانمىسى> غا ئاساسەن كانادا ئەنگلىيىگە مۇستەملىكە قىلىپ بېرىلدى. 1867 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتى <بىرىتان شىمالىي ئامېرىكا لايىھىسى> نى ئېلان قىلىپ، شىمالىي ئامېرىكىدىكى تارقاق مۇستەملىكلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى كانادا قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. 1926 - يىلى ئەنگلىيە پارلامېنتى يىغىنى كانادانىڭ ئەنگلىيە بىلەن تەڭ ئورۇندا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ كانادا دىپلوماتىيە ھوقۇقىغا ئېرىشتى. كانادا ھازىر ئەنگلىيە ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى، كانادا ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققىي قىلغان كاپىتالىستىك دۆلەت، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي كۈچى كاپىتالىزم دۇنياسىدا 8 - ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ يەر ئاستى، يەر ئۈستى بايلىقى مول، سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ% 80 تى دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى غەربتىن شەرققە سوزۇلغان تار بەلباغقا مەركەزلەشكەن. سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا قەغەز، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، نېفىت، پولات - تۆمۈر، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق، ئېلېكتورن، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قاتارلىق سانائەتلەرمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. كانادانىڭ يېزا ئىگىلىكى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىق بۇغداي ئۆستۈرۈلىدۇ، ئۇندىن قالسا قارا بۇغداي، ئارپا، كۆممىقوناق ئۆستۈرۈلىدۇ. كانادانىڭ چارۋىچىلىقىمۇ تەرەققىي قىلغان. ئۇ دۇنيا چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىدىغان ئاتاقلىق دۆلەتنىڭ بىرى. چارۋا مەھسۇلاتلىرى قىممىتى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى قىممىتىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئاساسەن گۆشلۈك، سۈتلۈك كالا، چوشقا، قوي، ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ، بېلىقچىلىق ئىشلىرىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، بېلىق مەھسۇلاتىنىڭ 2/3قىسمىنى ئېكسپورت قىلىدۇ.
كانادا شىمالىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىي يېرىمىغا جايلاشقان. نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئوخشىمىغان قاراشلار بار: بىرىنچى، <كانادا> سۆزى پورتۇگال تىلىدا <قاقاس> دېگەن مەنىدە، 1500 - يىلى پورتۇگالىيە ئېكىسپىدىتسىيىچىسى كورتلېر بۇ يەرگە كېلىپ قاقاسلىقنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز < Canada> دەپ تاشلىغان، بۇنىڭ مەنىسى ھېچنىمە يوق دېگەنلىك بولۇپ، نامى شۇنىڭدىن كەلگەن. ( بۇ خىل ئېيتىشنىڭ ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس، چۈنكى پورتۇگالىيىلىكلەر كاناداغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ باقمىغان؛ ئىككىنچى، ئۇقۇشماسلىقتىن بىر كەنتنىڭ ئىسمىدىن پەيدا بولغان. <كانادا> سۆزىنىڭ ئىندىئان ئىلوك تىلىدا مەنىسى <كەنت> ياكى <لاپاس، كەپە> بولىدۇ، 1543 - يىلى فرانسىيە دېڭىزچىسى ران. كارچىل بىر فلوتنى يىتەكلەپ شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بىر دېڭىز قولتۇقىغا كەلگەن، ئۇلار قولتۇقنى بويلاپ قۇرۇقلۇققا ئىچكىرىلەپ مېڭىپ، ئۆزلىرىنىڭ چوڭ بىر دەريادا كېتىۋتقانلىقىنى بايقاپ، دەريانى سائىنىت لاۋرېنىس دەرياسى دەپ ئاتاپتۇ. ئۇلار سەپەر جەريانىدا قىرغاقتا ئىندىئانلارنىڭ كەپىسى بارلىقىنى بايقاپ، قىرغاققا چىقىپتۇ. ئىندىئانلار ئۇلارنى قىزغىن كۈتىۋېلىپتۇ، فرانسىيىلىكلەر ئۇلاردىن <بۇ يەر قەيەر؟ نىمە دەپ ئاتىلىدۇ؟> دەپ سورىغان، ئىندىئانلار ئۇلارنىڭ سۆزىنى بىلەلمەي، ئۆزلىرىنىڭ كەنتىنى سوراۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قېلىپ <كانادا> دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ، ئىندىئان تىلىدا بۇ <كەنت> دېگەنلىك بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بۇ نام دۆلەت نامى بولۇپ قاپتۇ. 1535 - يىلى فرانسىيە دېڭىزچىسى كاتىئىرنىڭ ساياھەت خاىرسىدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان خاتىرىلەر بار: كاتىئېر بۇ جايغا كېلىپ، يەرلىك ئاللوك قەبىلىسىنىڭ باشلىقىدىن <بۇ جاينى نىمە دەپ ئاتايدۇ؟> دەپ سورىغاندا، ئۇ قەبىلە باشلىقى <كانادا> دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىكەن. كاتىئېر ئۇنىڭ جاۋابىنى پۈتكۈل دۆلەتنىڭ نامى دەپ ئويلاپ قېلىپتۇ. ئەمەلىيەتتە، قەبىلە باشلىقىنىڭ ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگىنى يېقىن ئەتراپتىكى بىر كەپىلەردىن تۈزۈلگەن كەنتنى كۆرسىتىدىكەن. لېكىن كىشلەر شۇندىن ئىتبارەن پۈتكۈل دۆلەتنى خاتالىشىپ "كانادا< دەپ ئاتىشىپتۇ. كانادا ئەسلى ئىندىئانلار ۋە ئىننوئىتلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي بولۇپ، 16 ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ فرانسىيە، ئەنگلىيە مۇستەملىكچىلىرى - كېيىن بېسىپ كىرگەن. فرانسىيىنىڭ مۇستەملىكىسى ۋاقتىدا كانادا >يېڭى فرانسىيە< دەپ ئاتالغان، ئەنگلىيە، فرانسىيە مۇستەملىكە تالىشىپ بارغان >يەتتە يىللىق ئۇرۇش< ) 1756 - 1763( تىن كېيىن ئەنگلىيە غەلبە قازىنىپ، كانادانى يۈتۈۋالغان ۋە بىر قانچە تارقاق مۇستەملىكە قۇرغان. 1867 - يىلدىن ئىلگىرى بۇ رايون >ئەنگلىيىگە قاراشلىق شىمالىي ئامېرىكا< دەپ ئاتالغان بولۇپ، 1867 - يىلىغا كەلگەندىن كېيىن ئاندىن >كانادا< دېگەن كونا نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. 1931 - يىلى ئۇ ئەنگلىيە فېدېراتسىيىسىگە ئەزا مۇستەقىل دۆلەت بولىدۇ.
كانادانىڭ يەر مەيدانى 9.976 مىليون كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 29 مىليون 360 مىڭ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيە كۆچمەنلىرى %41نى، فرانسىيە كۆچمەنلىرى%26نى، باشقا ياۋرۇپا كۆچمەنلىرى % 23نى ئىگىلەيدۇ. يەنە % 6 ئاسىيالىق، % 4يەرلىك ئىندىئانلار بار. خرىستىئان ۋە كاتولىك دىنى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىنگلىز ۋە فرانسۇز تىللىرى قوللىنىلىدۇ. پايتەختى ئوتتاۋا، پۇل بىرلىكى كانادا دوللىرى.
ئېرەن دەرىخى كانادانىڭ دۆلەت دەرىخى بولۇپ >ئېرەن يۇپۇرمىقى دۆلىتى < دېگەن نامى بىلەن مەشھۇر. 1964 - يىلى دېكابىردا كانادا پارلامېنىتى دۆلەت تۈزۈپ چىقىپ، 11 بۇرجىكى بار قىزىل ئېرەن يوپۇرمىقىنى دۆلەت بايرىقىنىڭ ئاساسلىق كۆرۈنىشى قىلغان. دۆلەت بايرىقى ئاق رەڭلىك بولۇپ، ئىككى يېنىغا بىردىن قىزىل تىڭ تۆتبۇلۇڭ سىزىلغان. ئاق رەڭ كانادانىڭ كەڭ مۇنبەت زېمىنىنى بىلدۈرگەن. ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى ئىككى قىزىل تىك تۆتبۇلۇڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا كانادانىڭ شەرقى ۋە جەنۇبى ئىككى قىرغىقى تىنىچ ئوليان بىلەن ئاتلانتىك ئوكيانغا تۇتىشىدىغالىقىنى بىلدۈرگەن.
دۆلەت گېربى بىر قالقانسىمان بەلگە بولۇپ، قالقاننىڭ ئاستىدىكى ئوڭ تەرەپكە ئۈچ تال پىيازگۈلى، سول تەرەپكە بىر چىلتار، قالقاننىڭ ئۈستى قىسىمىدىكى قىزىل جايىغا ئۈچ شىر بىلەن بىر قىزىل شوتلاندىيە پادشاھ شىرى سىزىلغان. بۇ تۆت خىل كۆرۈنۈش ئايرىم - ئايرىم ھالدا كانادانى مۇستەملىكە قىلغان فرانسىيە، ئېرلاندىيە، ئەنگلىيە ۋە شوتلاندىيىنى كۆرسىتىدۇ. قالقانىڭ ئوڭ يېنىغا فرانسىيىنىڭ پىياز گۈللۈك بايرىقىنى تۇتۇپ تۇرغان ئات بەدەنلىك، شىر قۇيرۇقلۇق، شىر مۈڭگۈزلۈك مەخلۇقنىڭ سۈرىتى، سول يېنىغا ئەنگلىيىنىڭ بايرىقىنى تۇتۇپ تۇرغان بىر شىرنىڭ سۈرىتى سىزلغان. بىرنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان كانادالىق ئەسكەرلەرنى خاتىرلەش ئۈچۈن قالقاننىڭ چوققىسىغا بىر قولدا قىزىل ئېرەن يوپۇرمىقىنى تۇتۇپ تۇرغان، بېشىغا تاج كىيگەن ئەركەك شىر سىزىلغان. ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىنىڭو كانادانىڭ دۆلەت باشلىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۈنچە - مەرۋايىت بىلەن زىننەتلەنگەن ساينىت ئېدۋاردىنىڭ ئالتۇن تاجىسى دۆلەت گېربىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە قويۇلغان، دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدا ئېرلاندىيىنىڭ ئوكسالىس كوزنىكۇلاتا ئوتى بىلەن فرانسىيىنىڭ قىزىل پىياز گۈلى قويۇلۇپ، لاتىنچە >دېڭىزدىن چىقىپ دېڭىزغا بېرىش <دېگەن سۆزى يېزىلغان كۆك لېنتىنى گەۋدىلەندۈرگەن.