Uyghur主要词典
تەپ تارتماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ياكى نەرسىدىن قورقۇنچ ھېس قىلىپ قورۇنماق.
پادىشاھنى كۆرگەن بەگدىن ئەيمىنەمدۇ؟ ھوشيار، مەرد كىشىگە جاھان تار ئەمەس، تۈلكە ئاۋازىدىن ھېيىقماس يولۋاس. كىمكى دۇچ كەلگەندە خەۋپ ۋە خەتەر، تەپ تارتمىسا، شۇ جاھاندا مۆتىۋەر. تارتىنغان ئاش تەگمەس.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بىر كىمنىڭ ئالدىدا بىرەر ئىش ياكى بىرەر گەپ - سۆز قىلىشتىن تارتىنماي، بىرەر گەپ - سۆز قىلىشتىن تارتىنماق، ئەيمەنمەك، ھېيىقماق، ئۇيالماق: گەپ قىلىدىغان دادا ئېلجاننىڭ كۆزىگە تولىمۇ سۈرلۈك كۆرۈنەتتى. شۇڭا ئۇ دادىسىدىن ئەزەلدىن تەپ تارتاتتى.