Lughet
词典维吾尔语توۋر ئۇرۇشى
Uyghur主要词典

توۋر ئۇرۇشى

ئىسلام ئاتالغۇلىرى ئۇمەييە سۇلالىسى بىلەن فرانىك پادىشاھلىقى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ئۇرۇش ھازىرقى فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى توۋر دېگەن جايدا بولغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالدى. مىلادىيە 327 - يىلى 10 - ئايدا ئۇمەييە خەلىپىسى ھىشام (724 - يىلىدىن 743 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى) دەۋرىدە مۇسۇلمانلار قوشۇنى ئىپسانىيىدىن فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا ئىلگىرىلەپ فرانىك پادىشاھلىقىدىكى ئوردا ئەمەلدارى چارلېس مارتېل (688 - 741) نىڭ قوشۇنى بىلەن توۋردا ئۇچرىشىپ قاتتىق جەڭ قىلدى. مۇسۇلمان قوشۇنلىرى يېنىك ئاتىلىق ئەسكەرلەرنى ئاساس قىلىپ، فرانسىيە ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلدى. ساۋۇتلۇق فرانىكلار سەپتە چىڭ تۇرۇپ، فرانسىيە ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلدى. ساۋۇتلۇق فرانىكلار سەپتە چىڭ تۇرۇپ، بىر كۈن جىددىي جەڭ قىلىپ، تالاپەتكە ئۇچرىدى، ئۇلارنىڭ قوماندانى ئۆلتۈرۈلدى. قالدۇق ئەسكەرلەر كېچىلەپ چېكىندى. مۇسۇلمانلار قوشۇنى كۆپ قېتىم ھۇجۇم ئۇيۇشتۇرغان بولسىمۇ، غەلىبە قىلالمىدى. ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ كۈچى ئىسپانىيە بىلەن چەكلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىيەلمىدى.
Rate this entry

相关词

تىل ئۇرۇشىUyghurتالاس ئۇرۇشىUyghurئىسو ئۇرۇشىUyghurشىك ئۇرۇشىUyghurئۇھۇد ئۇرۇشىUyghurئاچى ئۇرۇشىUyghur
← 搜索