Uyghur主要词典
ئەمەل
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئىش - ھەرىكەت، پائالىيەت، ئەمەلىيەت.
ئەمەلگە قويماق، ئەمەلگە ئاشماق، ئەمەلدە كۆرسەتمەك. * ئېغىزدا بار، ئەمەلدە يوق (ماقال). * ھەر ئەمەلنىڭ بىر ۋاقتى بار، ھەر ۋاقىتنىڭ بىر ئەمىلى بار (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
مەنسەپ.
ئەمەلدار، ئەمەلپەرەس، ئەمەل تۇتماق، ئەمىلى ئۆسمەك، ئەمەلدىن چۈشمەك. * ئەمەل تەمەسىدە يۈرگەنلەر ئەمەلسىز قالىدۇ. * ئەخمەققە ئەمەل تەگسە، قوتانغا زەدىۋال تارتار (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ھېسابلاش يولى.
تۆت ئەمەل: قوشۇش ئەمىلى، ئېلىش ئەمىلى، كۆپەيتىش ئەمىلى، بۆلۈش ئەمىلى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ئىشلەيدىغان، مەلۇم كۆلەم ۋە سىستېمىغا ئىگە، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەت.
<ئىش> ئەڭ ئومۇمىي.
<يۇمۇش>، <ئىشكۈچ>، <كار> ئادەتتىكى، شەخسكە دائىر ئومۇمىي ئىشقا قارىتىلىدۇ، كۆپىنچە ئېغىز تىلىدا ئىشلىتىلىدۇ.
<خىزمەت>، <ۋەزىپە> ئۆ
ئىش بار يەردە ئاش بار. ئىشى يوقنىڭ ئېشى يوق، ئېشى يوقنىڭ كارى يوق. كارى يوقنىڭ جېنى يوق. كارىڭ بولمىسۇ. يۇمۇش تەننى ھاردۇرغىنى بىلەن، كۆڭۈلنى شاد قىلىدۇ. ھېچبىر ئىشكۈچ يوق، بىكار يۈرۈشتىن ئېغىر ئىش يوق. ھەركىم بىر مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللىنىشى لازىم. خىزمەت چاقچاقنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئالغان ۋەزىپىنى ئورۇنلاش قەرز. ئادەمنىڭ بۇرچى ھەقىقەت ئىزدەش. بۇرچىنى ئادا قىلمىغان كىشى - ساينىڭ تېشى. ھەر ئەمەلنىڭ بىر ۋاقتى، ھەر ۋاقىتنىڭ بىر ئەمىلى بار. ئەمەلى يوق سوپىدىن تۇخۇم تۇغىدىغان توخۇ ياخشى.
بىئولوگىيە
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى ھەرىكەت دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ سۆز (1) ئىماننىڭ تەركىبىي قىسمى؛ (2) ھەرخىل دىنىي پەرزلەر ۋە ساۋابلىق ئىشلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدىن ئىبارەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ماتېماتىكا
ماتېماتىكىلىق ھېسابنىڭ ھەر بىر تۈرى.
تۆت ئەمەل. قوشۇش ئەمىلى. بۆلۈش ئەمىلى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەنسەپ، ھوقۇق، ۋەزىپە.
ئەمەل تۇتماق، ئەمىلى ئۆسمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كۈندىلىك ئىش، پائالىيەت، ئەمەلىيەت.
ئەمەلدە كۆرسەتمەك، ئەمەلگە ئاشۇرماق.
ئېغىزدا بار، ئەمەلدە يوق (ماقال).
ئەمىلى يوق سوپىدىن تۇخۇم يوق توخۇ ياخشى (ماقال)