Uyghur→Chinese主要词典
ئابدۇل راخمان
دۇنيا تارىخى
阿卜杜.拉曼三世
ā bǔ dù .lā màn sān shì
(891 - 619) ئىسپانىيىدىكى كېيىنكى ئۇمەييە خاندانىقىنىڭ خەلىپىسى (929 - 961). ئەسلىدە ئىسپانىيە كېيىنكى ئۇمەييە خاندانلىقىنىڭ باش ۋالىيىسى (912 - 929) بولۇپ، نامدا ئەرەب ئىمپېرىيىسى ئابباسىيلار خاندانلىقىنىڭ باسقۇرۇشىدا بولغان. مىلادى 929-يىلى ئۆزىنى خەلىپە دەپ جاكارلاپ، كوردوۋا خەلىپىلىكى (929 - 1031) نى قۇرغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ياللانما ئەسكەر تۈزۈمىنى قوللىنىپ يەرلىك توپىلاڭنى باستۇرۇپ، تەپرىقىچى كۈچلەرنى ئاجىزلىتىپ، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتكەن؛ لېئون ۋە ناۋاررا بەگلىكىنىڭ بەگلىرىنى ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلاپ، پۈتۈن ئىسپانىيە زېمىنىنى دېگۈدەك كونترول قىلغان؛ دېڭىز ئارمىيىسىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى سودا ۋە ھەربىي زومىگەرلىك ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن؛ ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن بېرىش - كېلىش قىلغان. ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەتنى مۇكاپاتلاپ، ئوردا، مەكتەپ ۋە مەسچىتلەرنى ياساتقان، پايتەخت كوردوۋا شۇ چاغدىكى ياۋروپانىڭ ئىلىم - پەن مەركىزىگە ئايلانغان.
دۇنيا تارىخى
阿卜杜.拉赫曼
ā bǔ dù .lā hè màn
(تەخمىنەن 8441 - 1901) ئافغانىستان بارراقزائى خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى (1880 - 1901). ياشلىق دەۋرىدە تاشقورغاننىڭ باش ۋالىيىسى بولغان.كېيىن تەخت تالىشىپ، بۇخاراغا قېچىپ كەتكەن. 1865-يىلى ئەسكەر باشلاپ ئافغانىستانغا قايتىپ كەلگەن. 1869-يىلى پادىشاھ شىرئەلى (1825 - 1879) تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، سەمەرقەندگە قېچىپ كەتكەن. ئىككىنچى قېتىملىق ئەنگلىيە - ئافغانىستان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، روسىيىنىڭ قوللىشى ئاستىدا قوشۇن باشلاپ ئافغانىستانغا قايتىپ كەلگەن. 1881-يىلى كۈزدە پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەرگە تەقلىد قىلىپ ئىسلاھات ئېلىپ بارغان. مەسىلەن، قەبىلە خوجىلىق يەر تۈزۈمىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مەمۇرىي ئۈلگە تۈزۈمىنى يولغا قويغان؛ مەملىكەت بويىچە پۇل ۋە ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرگەن؛ ئارمىيىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئوفىتسېرلار مەكتىپى تەسىس قىلغان. تاشقى جەھەتتە ئەنگلىيىگە مايىل سىياسەتنى يولغا قويۇپ، 1883-يىلى ئەنگلىيە بىلەن ئافغانىستان - ھىندىستان چېگرا پاسىلىنى ئايرىش توغرىسىدىكى <كابۇل كېلىشىمى> نى ئىمزالىغان.
تارىخ
阿卜杜·拉赫曼
ā bǔ dù ·lā hè màn