Uyghur主要词典
ۋ ك پ
دۇنيا تارىخى
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك (بولشېۋىكلار) پارتىيىسىنىڭ قىسقارتىپ ئاتىلىشى. لېنىننىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان. 1895 - يىلى قۇرۇلغان پېتېربۇرگ <ئىشچىلار سىنىپىنى ئازاد قىلىش يولىدا كۈرەش قىلىش جەمئىيىتى> پارتىيىسىنىڭ تەكتى ھېسابلىنىدۇ. 1898 - يىلى 3 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرىنچى قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن باشلاپ، <روسىيە سوتسىيال - دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى> دەپ ئاتالغان. 1903 - يىلى 7 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قۇرۇلتايدا، لېنىن باشچىلىقىدىكى بولشېۋىكلار (كۆپ سانلىقلار) ئاغمىچى گۇرۇھ - مېنشېۋىكلار (ئاز سانلىقلار) نى مەغلۇپ قىلىپ، پارتىيە پروگراممىسى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى ماقۇللاپ، پارتىيىنىڭ مەركىزىي ئورگىنىنى سايلاپ چىققان، شۇنىڭ بىلەن پارتىيە رەسمىي دۇنياغا كەلگەن. پارتىيىنىڭ 1912 - يىلى 1 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالتىنچى قۇرۇلتىيىدا، مېنشېۋىكلار پارتىيىدىن چىقىرىلىپ، بولشېۋىكلار ھەقىقىي تۈردە مۇستەقىل ماركسىزمچى پارتىيىگە ئايلىنىپ، <روسىيە سوتسىيال - دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى (بولشېۋىكلار)> دەپ ئاتالغان. 1918 - يىلى 3 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن يەتتىنچى قۇرۇلتايدا، پارتىيىنىڭ نامى لېنىننىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن، <روسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى (بولشېۋىكلار)> دەپ ئۆزگەرتىلىپ، قىسقارتىپ <ۋ ك پ (ب) دەپ ئاتىلىپ، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئاغمىچى پارتىيە بولۇپ ئاينىپ كەتكەن سوتسىيال - دېموكراتلار پارتىيىلىرىدىن پەرقلەندۈرۈلگەن. پارتىيىنىڭ 1925 - يىلى 21 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 14 - قۇرۇلتىيىدىن باشلاپ، دۆلەت نامىنىڭ >سوۋېت سوتسىيالىستىك رېسپوبلىكلار ئىتتىپاقى< دەپ ئۆزگەرتىلگەنلىكى (1922) نەزەرگە ئېلىنىپ، پارتىيىنىڭ نامى >سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى (بولشېۋىكلار)< گە ئۆزگەرتىلگەن ھەمدە قىسقارتىپ >ۋ ك پ (ب)< دەپ ئاتالغان. 1952 - يىلى 10 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 19 - قۇرۇلتايدىن باشلاپ، پارتىيىنىڭ نامى >سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى< (قىسقارتىپ >سوۋېت كومپارتىيىسى<) دەپ ئاتالغان.