Uyghur→Chinese主要词典
سارنات
تارىخ
鹿野苑
lù yě yuànDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
萨尔纳特
sà ěr nà tè
دۇنيا تارىخى
萨尔纳特
sà ěr nà tè
قەدىمكى زاماندا <بۇغىلىق> دەپ ئاتالغان، <ئەۋلىيالار يوغىلىقى> دەپمۇ ئاتالغان. ھىندىستاندىكى بۇددىزم مۇقەددەس جايىنىڭ بىرى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ساكيامۇنى نېرۋاناغا يەتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بۇددا قائىدىلىرىنى سۆزلىگەن جاي.كېيىن تەرەققىي قىلىپ شىمالىي ھىندىستان بويىچە بۇددا دىنىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالغان. بۇ ⅡⅩ ئەسىرگىچە داۋام قىلغان. شىمالىي شتاتتىكى ۋاراناسىنىڭ غەربىي شىمالىدىن 10كىلومېتىر يىرقلىقتا. 1905 - يىلى ئىككى مۇنار، بىر مۇراسىم زالى، يەتتە راھىبلار قۇرۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون تېپىلغان.<ئاسوكا پەرمان تۈۋرۈكى> (ئۇنىڭ تۆت شىر بېشى چۈشۈرۈلگەن تۈۋرۈك بېشى ھىندىستاننىڭ كاتتا قەدىمىي سەنئەت بۇيۇمى دەپ قارالغان) ۋە نۇرغۇنلىغان ئويمىچىلىق بۇيۇملىرى تېپىلغان. ئۇنىڭ ئىچىدە ماتورا ئىشلىگەن كوشان خاندانلىق كانىشكانىڭ ئۈچىنچى يىلىدا پۈتكەن بۇددا ھەيكىلى (ئېگىزلىكى ئىككى مېتىر) بۇددا ھەيكىلىنىڭ مەنبەسىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گۇپتا دەۋرىدە بۇددا سەنئىتى يەنىلا گۈللىنىپ، نۇرغۇنلىغان بۇددا ھەيكەللىرى ياسىلىپ، كېىينكى دەۋرلەردىكى بۇددا ھەيكەلتىراشلىقنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنداقلا <سارناتچە بۇددا سەنئىتى> دەپئاتالغان.