Uyghur主要词典
پۇتلىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
پۇت بىلەن باشقا بىرسىنىڭ پۇتىنى ئېلىپ، يېقىتىشقا ئۇرۇنماق.
تۇرسۇن يولدا جىم كېتىۋاتقان ئەخمەتنى قەستەن پۇتلىۋەتتى.
كۆچمە. باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەك، مەلۇم ئورۇن ۋە ۋەزىپىدىن ئېلىۋېتىشقا ئۇزۇنماق.
ئادىل ئىنىسىغا: - سادىقنىڭ نىيىتى يامان ئادەم، بىر كۈنى سېنى بىر ئىشتا پۇتلايدۇ، - دەپ جېكىلىدى