—参考资料
پۇل چېكى
ئىقتىسادىي بىلىملەر
پۇل چېكى پۇل ئامانەت قويغۇچىنىڭ بانكىغا ئىمزا قويۇپ بەرگەن، ئۆزىنىڭ قەرەلسىز ئامانەت پۇل ئىسچوتىدىن بەلگىلىك مىقداردا پۇل ئاجرىتىپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدىغان ئىسپاتنامىنى كۆرسىتىدۇ. بانكىدا پۇل چېكى ئامانەت قويۇش ھېسابىنى ئاچىدىغانلارغا بانكا يېزىلمىغان پۇل چېكى دەپتىرى بېرىدۇ. ئامانەت قويغۇچى ئامانەت قويۇلغان پۇلنىڭ سانى ئىچىدە پۇل چېكىنى تولدۇرۇپ ئىمزا قويىدۇ. بانكا چەككە يېزىلغان سومما بويىچە بەلگىلەنگەن كىشى ياكى چەك ئىگىسىگە پۇل بېرىدۇ.
نۆۋەتتە، نۇرغۇن دۆلەتلەردە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىۋاتقان پۇل چېكى ئاساسەن تۆلەم مۇددىتى بويىچە ئايرىلىدىغان قەرەلسىز پۇل چېكى ۋە قەرەللىك پۇل چېكىدىن ئىبارەت. قەرەلسىز پۇل چېكىدە بانكىدىن چەكنى كۆرگەن ھامان پۇل بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ؛ قەرەللىك پۇل چېكىدە پۇل بېرىلىدىغان ۋاقىت ئېنىق يېزىلغان بولۇپ، بانكا چەكنىڭ مۇددىتى توشقاندا ئاندىن پۇل بېرىدۇ. پۇل چېكىگە ئىسمى يېزىلغان - يېزىلمىغانلىقىغا ئاساسەن، ئىسىملىك پۇل چېكى ۋە ئىسىمسىز پۇل چېكى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. ئىسىملىك پۇل چېكىدە بانكىدىن پۇلنى چەكتە بەلگىلەنگەن كىشىگىلا بېرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ؛ ئىسىمسىز پۇل چېكىدە بانكا پۇل چېكىنىڭ ھەرقانداق ئىگىدارىغا پۇل بەرسە بولىدۇ. نەق پۇل بېرىش - بەرمەسلىكىگە ئاساسەن، نەق پۇل چېكى ۋە مېمورىئال چەك دەپ ئايرىلىدۇ. نەق پۇل چېكىگە بانكا چوقۇم نەق پۇل بېرىشى كېرەك؛ مېمورىئال چەك پەقەتلا ھېساباتنى يۆتكەشكە ئىشلىتىلىدۇ. جۇڭگودا پۇل چېكى بانكا ياكى ئامانەت - قەرز كوپىراتىپىدىن نەق پۇل ئېلىش ياكى مېمورىئال راسچوت قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك ئىسپاتتىن ئىبارەت، ئۇنىڭغا ئىسمى يېرىلىدۇ، ئوبوروت قىلىشقا، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ، نەق پۇل چېكى ۋە مېمورىئال چەكنىڭ ئېنىق ئىشلىتىلىش دائىرىسى بولىدۇ.
پۇل چېكى ئارقىلىق ھېسابات قىلغاندا، پۇلنىڭ ئوبوروت مىقدارىنى ئازايتقىلى، ئوبوروت خىراجىتىنى تېجىگىلى بولىدۇ، بۇ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشىگە پايدىلىق. بىراق، ئەگەر كارخانىلار تاقىلىپ قالىدىغان، بانكىلار ۋەيران بولىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرسە، پۇل چېكىنى تېگىشكىلى بولمايدۇ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوبوروتنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.