Uyghur→Chinese主要词典
كارتىنى
دۇنيا تارىخى
卡蒂妮
kǎ dì nī
(1897 - 1904) ئايال، ھىندۇنېزىيە ئاياللار ھەرىكىتى ۋە مىللىي ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ پېشۋاسى. فېئودا ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى جاپارا ناھىيىسىگە ھاكىم بولغان. كارتىنى گوللاندىيەدە ئوقۇغان. ئەر - ئاياللار باراۋەرلىكىنى ۋە ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە تەربىيلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان، كونىچە تويلىشىشقا قارشى تۇرغان. رېمباڭ ناھىيىسىدە ھىندونېزىيە بويىچە تۇنجى ئاقسۆڭەك قىزلار مەكتىپىنى ئاچقان. ئۆز ۋەتەن خەلقىگە ھېسداشلىق قىلىپ ياۋرۇپا مەدەنىيىتىگە ئىنتىلىپ، ۋەتەننى مائارىپ ئارقىلىق قۇتقۇزۇشنى ئارزۇ قىلغان. مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرسىمۇ، لېكىن مۇستەملىكىچىلىككە، فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇشنى ئىنقىلابىي كۈرەش بىلەن ئېنىق بىرلەشتۈرۈلمىگەن. 1904 - يىلى كېسەل بىلەن ئۆلگەن. 1911 - يىلى ئۇنىڭ ياۋرۇپادا ئوقۇۋاتقان چاغلاردا يازغان مەكتۇپلىرى توپلىمى <قاراڭغۇلۇقتىن يۇرۇقلۇققا> نەشىر قىلىنغان. ھىندۇنېزىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى (21 - ئاپرېل) ئاياللار بايرىمى قىلىپ بېكىتىلگەن.