Uyghur主要词典
باتۇر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەقىلىي - جىسمانىي جەھەتتىن تولۇق يېتىلگەن، خەۋپ - خەتەر، ئۆلۈم - يېتىم، قىيىنپىلىق - ئېغىرچىلىقتىن قورقمايدىغان شەخس.
خەلق باتۇرى. بارغا باتۇر. باتۇر بولسا بالىسى، يايراپ كېتەر ئانىسى. كۈرەش قەھرىمانى. ئەمگەك قەھرىمانى ئۆزبۇرچىنى ئورۇنلاۋاتقاندا جېنىنى ئايىمىغان ئادەم ھەقىقىي قەھرىمان. قەيسەر قارىغاي سوغۇققا پىسەنت قىلمايدۇ. ئازابنى تۇرمۇشتىكى ئەڭ زور كېلىشمەسلىك دەپ قارايدىغانلار جەسۇر بولالمايدۇ. جەسۇر ئادەم ئۆز ھېسىياتىغا قۇل بولمايدۇ. مەردنى مەيداندا كۆر. غەيۇر يىگىت زوراۋاندىن قورقمايدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
خەۋپ - خەتەر، قىيىنچىلىق - ئېغىرچىلىقتىن قورقمايدىغان، ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان.
قورققاق، قورقۇنچاق، توخۇ يۈرەك
ھەممە نېمىدىن قورقىدىغان.
باتۇر چۈشىدە دۈشمەن كۆرەر. باتۇرنى مەيداندا سىنا، سۆزمەننى دەۋادا. يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر. ئۆز بۇرچىنى ئورۇنلاۋاتقاندا جېنىنى ئايىمىغان ھەقىقىي قەھرىمان. سۇ كېچىكىدىن ئۆتكەن ئەر ئەمەس، قان كېچىكىدىن ئۆتكەن ئەر. قورقماستىن تاغ قېچىپ قۇتۇلالماس. ئەندىشىنىڭ ئېتى قورققاق. قورقۇنچاقتا نومۇس يوق. كۆز قورققاق، قول باتۇر. توخۇ يۈرەك قورقۇپ ئۆلىدۇ. قورققاقنىڭ تۇمىقى بولغۇچە، قورقماسنىڭ چومىقى بول. قىيىنچىلىق قورقۇنچاقنىڭ يۈكى، باتۇر ئۈچۈن توخۇنىڭ تۈكى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. خەۋپ - خەتەر، قىيىنچىلىقلاردىن قورقمايدىغان؛ يۈرەكلىك، جەسۇر.
باتۇر چۈشىدە دۈشمەن كۆرەر (ماقال).
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
يىگىت، قەھرىمان، باھادىر.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
<باھادىر>
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
يىگىت، قەھرىمان، باھادىر. باشقا شەكىللىرى: باتۇربەگ، باتۇرخان، باتۇرقان.