Uyghur主要词典
سائەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ۋاقىت، مەزگىل، سائەت:
كى داخخل بولۇپ ياخشى سائەت بىلە،
چۇ ئاندا تۇرۇپمىز ئىبادەت بىلە.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىر ئاز ۋاقىت، زامان.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
سوتكىنىڭ 12 / 1 ىگە تەڭ بولغان ۋاقىت بىرلىكى. بىر سائەت 60 مىنۇت، 3600 سېكىنۇتقا تەڭ.
قەدىمكى بابىللىقلار بىر كېچە كۈندۈزنى 24 ۋاقىتقا بۆلۈپ ۋاقىت ھېسابلىغان. ئۇنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ۋە قوللىنىشچانلىقى ياخشى بولغاچقا، باشقا ئەللەرگىمۇ تارقىلىپ كەڭ قوللىنىلغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىر سوتكىنىڭ 24 دىن بىرىگە يەنى 60 مىنۇتقا تەڭ بولغان ۋاقىت بىرلىكى.
مەن بىر سائەتتىن كېيىن ئورنۇمدىن تۇردۇم.
ۋاقىتنى سائەت، مىنۇت، سېكۇنت بويىچە ھېسابلاپ كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەسۋاب.
ياسن پات - پات سائىتىگە قاراپ قوياتتى.
<مائار> ئوقۇتۇشتىكى ھەربىر قېتىملىق دەرس ۋاقتى، ئادەتتە 45 مىنۇت بولىدۇ.
بىزگە ھەر ھەپتىدە تۆت سائەت خەنزۇ تىلى دەرسى بار.
پۇرسەت، پەيت.
ياخشى سائەتتە توي قىلىپ، مەلىكىنى ھاتەمگە نىكاھلاپ بەردى.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
سائەتخان، سائەتقىز، سائەتگۈل
ۋاقىت، سائەت