Uyghur主要词典
شادىمان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رازى ۋە مەمنۇنلىقتىن كۆڭۈل ئېچىلىش، كۆڭۈل كۆتۈرلۈش ھالىتى.
« قىلماق، بولماق » بىلەن پېئىللىشىدۇ.
بەختىڭنى كۆرۈپ خۇش بولدۇم. خۇشال بولغاندا، كۆزگە پالاكەت كۆرۈنمەس. خۇشال _ خۇرام ياشا، بەختىڭگە يارىشا. ئۆزگىنى يېيىشتىن كىمكى بولسا شاد، ئۇنى بۆرە دېگىن، دېمە ئادەمزات. ئازغىنا ئىشىڭدىن بولما خۇرسەن، ئۇندىن چوڭنى كۆرۈرسەن. يامانلىق قىلىپ بولما شادىمان، جازاسىنى تارتىدۇ ئاخىر يامان.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۆڭلى ئېچىلغان، كەيپى جايىدا، غەم - قايغۇدىن خالى كەيپىيات.
خاپا، رەنج، مالال، مەيۈس، كۆڭلى يېرىم
كۆڭلى بۇزۇلغان، كەيپى بۇزۇلغان، غەم - قايغۇ باسقان كەيپىيات.
قاغىلار <قاق> ئېتىدۇ، ئۆز كۆڭلىنى خۇش ئېتىدۇ. خۇشال چاغدا ئازابنى ئۇنتۇمىغان كىشى - ئاقىل كىشى. خاپا قىلساڭ دوستۇڭنى، خۇش قىلارسەن دۈشمىنىڭنى. ئازغىنا ئىشىڭدىن بولسا خۇرسەن، ئۇنىڭدىن چوڭنى كۆرىسەن. ئۆزگىنى يېيىشتىن كىمكى بولسا شاد، ئۇنى بۆرە دېگىن، دېمىگىن ئادەمزات. شادىمان بولسا يۈرىكىمىز، تالسىمۇ مەيلى بىلىكىمىز. خۇشال - خۇرام ياشا، بەختىڭگە يارىشا. ئاقىلغا پەس ئادەم كۆرسەتسە جاپا، كۆپ ئەلەم چەكمىسۇن، بولمىسۇن خاپا. غەم تېغىنى دوست ئارتسا، ئاڭا رەنج يوق. مالال بولما، مالامەت تارتما. مەيۈس بولساڭ، بوزەك بولىسەن. ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم، تولۇق ئەمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
پارىسچە
شاد، خۇشال - خۇرام ھالدا.
- ئەمدى ئۆز ماكانىڭلارغا بېرىپ شادىمان ياشاڭلار، - دېدى ھاتەم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پارىسچە
خۇشال، خۇشاللىق