Uyghur主要词典
ياتماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ياتماق، جايلاشماق، ئورۇنلاشماق، ئورناشماق، ئۇخلىماق:
يەنە مىنگەلى ھەم بېرىپ ياخشى ئات،
غىزا بەردى ئاندىن دېدى: مۇندا يات.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بەدىنىنى يەر، كارىۋات، كۆرپە قاتارلىقلارغا يېقىپ سوزۇلماق، ئۇزارتماق.
يەردە ياتماق. كۆرپىدە ياتماق.
ئالدىغاننىڭ ئېشىكى يېتىۋاپتۇ (ماقال).
ياتار قورساق - كېتەر قورساق (ماقال).
ئىگىلمەك، تۇرماق، ساقلانماق.
بىر دۆۋە كىتاب شىرە ئۈستىدە ياتاتتى.
ئەكبەر كەنت ئىشخانىسىغا كىرىۋېتىپ، بوسۇغىدا توختاپ قالدى، ئۈستەللەرنى توپا باسقان، مەشنىڭ ئوتى ئۆچكەن، يەردە ئاپئاق كۈل چېچىلىپ ياتاتتى.
تۈنىمەك، ئۇخلىماق.
— سىزنى پادىشاھ بىلەن ئىككىمىز بىرلىكتە تاپقانىدۇق. مېنىڭمۇ سىزدە ھەققىم بار، شۇڭا بۈگۈن بىر كېچە ئىككىمىز بىللە ياتساق،— دەپتۇ ۋەزىر پەزىلەتخانغا.
قامالماق، سولانماق.
مەن <بۇ كامېردا ياتقىلى يەتتە ئاي بولدى، بىر قېتىممۇ سوراق قىلىنمىدىم، بىكاردىن - بىكار شۇنچىلىكمۇ يېتىپ كەتتىما> دەپ ئويلايتتىم.
توختىماق، توختاپ قالماق؛ تۇرۇۋالماق.
ئۇ دۈيجاڭ بولمايمەن دەپ يېتىۋالدى.
كۆچمە. تەئەللۇق، تەۋە بولماق؛ ماس، مۇناسىپ كەلمەك.
ناخشا ۋاكاللىق مۇزىكا تۈرىگە ياتسىمۇ، ئادەتتە چالغۇچىلارنىڭ تەڭكەش قىلىشى بىلەن بېجىرىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنى پەقەت ۋاكاللىق مۇزىكا دەپلا قاراشقا بولمايدۇ.
رەۋىش ۋە رەۋىشداشلار بىلەن بىرىكىپ، ئىش - ھەرىكەت ياكى ھالەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئىشلەپ ياتماق. * قارا چاپانلىقلار تېخىچە تىنچ ياتماي، يۇرتنى قىپچاقلارغا قارشى قوزغىماقچى بوپتۇ، ئىشنى يەنە تەدبىرسىز قارا چاپانلار قولىغا ئېلىپ، مەملىكەتنى بۇزغۇنچىلىققا سلاماقچى بوپتۇ،— دېدى ھامىد شاھقا تەزىم قىلىپ تۇرۇپ.