Uyghur主要词典
سائىل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
تىلەمچى، قەلەندەر:
كەرەم سائىلىنى مەھرۇم ئەيلەمەسلەر دەپ ئۇمىد بىرلە،
كېلىپمەن دەرگەھىڭغە سەن ئەزىزنى ئىختىيار ئەيلەپ.
شەۋقى.
2. بولسە ئىككىنچى ھۇسنىگە مايىل،
بولغۇسىدۇر ھەكىم ئاڭا سائىل.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سوئال قويغۇچى، سورىغۇچى، تىلەمچى، خەيرچى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئارىلاپ يۈرۈپ تىلەمچىلىك قىلغۇچى، تىلەمچى.
ھەممە يەر تىلەمچى، سائىللار بىلەن تولۇپ كەتتى.