Uyghur主要词典
ۋاججى
دۇنيا تارىخى
ۋججى دەپمۇ ئاتالغان. قەدىمكى ھىندىستاندىكى بىر دۆلەتنىڭ نامى. گانگ دەرياسى تۆۋەنكى ئېقىمىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. بۇددا دىنى گۈللەنگەن دەۋردە قۇرۇلغان. ئۇ سەككىز ياكى توققۇز قەبىلىنىڭ بىرلىشىشىدىن تەركىب تاپقان ئاقسۆڭەكەر جۇمھۇرىيىتى بولۇپ، ئاساسىي قەبىلە لىچى، ۋاججى قاتارلىقلار ئىدى. لىچى قەبىلىسىنىڭ باش شەھىرى ۋايسالى ھۆكۈمرانلىق مەركىزى قىلىنغان. <بۇددانىڭ يارالمىش سوتراسى> دا خاتىرىلىنىشىچە، لىچى قەبىلىسىنىڭ <ھۆكۈمران جەمەتى> دىن 7707 كىشى ۋايسالى شەھىرىدە تۇرۇپ، دۆلەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدىكەن. ئۇنىڭ كۆپتۈرمە گەپ ئىكەنلىكى ئېنىق. ئېيتىلىشىچە بۇ كىساتىرىيە ئاقسۆڭەكلىرى مۇقەددەس كۆلدە بېشىدىن سۇ قويۇش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىنلا، دۆلەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئىمتىيازىغا ئىگە بولالايدىكەن. بۇ بىرلەشمە جۇمھۇرىيەت كېيىن ماگادخا پادىشاھلىقىنىڭ شاھى ئاجاتا ساترۇ (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشىغان) تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان.