—参考资料
چىش ساقلىقىنى ساقلاش
ئادەم بەدىنىنى ئاسراش ۋە قۇتقۇزۇش بىلىملىرى
چىش مۇھىم ھەزىم قىلىش ئەزاسى بولـۇپلا قـالـمـاسـتـىـن، يـەنـە ئاۋاز چىقىرىش ۋە چىراي شەكلىنى ساقلاشتا بەلگىلىـك رول ئويـنـايـدۇ. بـالـىلار چىشى ئالماشقاندىن كېيىن چىققان تۇراقلىق چىشىنى بىر ئۆمۈر ئىشلىتىـدۇ، شۇڭا ئۇنى ئاسراشقا ئىنتايىـن ئەھمـىـيـەت بـېـرىـش كـېـرەك. بـالـىلار ۋە ئۆسمۈرلەردە چىش چىرىش كېسەللىكى، يەنى بىز دەۋاتقان «چىشنـى قـۇرت يېيىش» كېسەللىكى كۆپ ئۇچرايدۇ.
قۇرت يېگەن چىش دېگەندە ئەمەلىيەتتە چىشـنى قۇرت يېگەن ئەمەس. كەمپۈت ياكى تاتلىق - تۇرۇم يېگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۇۋاقلىـرى چـىـش يۈزى ياكى چىش ئارىلىقلىرىدا قېلىپ ئېغـىـز بـوشـلـۇقىدىكـى شـەكـىـل ئۆزگەرتىشچان زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيىسى قاتارلىق كىـسلاتـا ئىشلەپچىقارغۇچى باكتېرىيىلەرنىڭ رولى بىلەن كىسلاتا ھاسىل بـولىدۇ. چىشتىكى كالتسىي، فوسفور قاتارلىق تەركىبلەر تەدرىجىي كىسلاتادا ئېرىـپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ كاۋاك پەيدا بولىدۇ. ھورنان، گۈرۈچئاش، تاتلىـق - تۇرۇم قاتارلىق يېمەكلىك قالدۇقلىرى شۆلگەي سۇيۇقلۇقىنىڭ رولى بىـلـەن شېكەرگە ئايلىنىپ، چىش ئارىلىقلىرىدا قالغاندىمۇ چىشنى قۇرت يەيدۇ.
چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئالدى بىلەن تاماقتىن كېيـىـن ئېغىز چايقاش، ئەتىگەن - كەچتە چىش چوتكىلاش، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىرنەرسە يېمەسلىكتەك ئېغىز بوشلۇقىنى پاكىز تۇتۇش ياخشى ئادىتـىـنـى يېتىلدۈرۈش كېرەك. چىش چوتكىلىغاندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگە چـوتـكـىلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، چىش ئارىلىقىدا قـېـپـقـالـغـان قالـدۇقلارنـى پـاكـىـز تازىلاش ھەمدە ھەربىر چـىـشـنـى تـولـۇق چـوتـكـىلاش كـېـرەك. چـىـش چوتكىلىغاندا چىشنى تازىلىغىلى بولۇپلا قالـمـاسـتىـن، چـىـش ئوقـۇرىـنـى ئۇۋۇلاش، ئۇنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ.
تاماق تاللىماسلىق كېرەك. كۆكتات، مېۋە - چېۋە ۋە قـارا ئاشـلـىـقـنـى كۆپ يېگەندە، ئادەم بەدىنىدىكى ۋىتامىن ۋە كالتسـىـي، فـوسـفـور، فـتـور قاتارلىق مىنېرال ماددىلار كۆپىيىپ، بەدەنـگـە پـايـدىـلىـق بـولـىـدۇ. بـۇ يېمەكلىكلەردە مول سېللۇلوزا بار، ئۇنـى ئىـستېمال قىلغاندا چـىـشـنـى مېخانىكىلىق يۇيۇش ۋە ئۇۋۇلاش رولىنى ئوينايدۇ.
ئەگەر چىش يۈزىدە قارا داغ بايقالسا ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ داۋالـىـنـىـش، چىش چىرىشنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىپ كېتىشىـنـىـڭ ئالـدىـنـى ئېـلـىـش كېرەك.