Uyghur主要词典
مېغىزىنى چاقماق
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
پەيزىنى سۈرمەك، ئەڭ ئېسىل جەۋھەرلىرىدىن بەھرە ئېلىپ ھۇزۇر - ھالاۋىتىنى كۆرمەك: ياشلىقىڭدا ئەجىر قىلساڭ، قېرىغاندا مېغىزىنى چاقسەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پەيزىنى سۈرمەك، ئەڭ ئېسىل، جەۋھەرلىرىدىن بەھرە ئېلىپ ھۇزۇر قىلماق.
- ھۆرمەتلىك ھاجىم، ئەمسە ئۆزلىرى نېمىدەپ شۇ راھەت ئىچىدە مەئىشەتنىڭ مېغىزىنى چاقماي، بۇنداق قالاق يۇرتتا جاپا چېكىپ يۈرىدىلا؟ - دېدى سۈپۈرگىئاخون.