Uyghur→Chinese主要词典
دانىيە بېجى
دۇنيا تارىخى
丹麦金
dān mài jīn
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەنگلىيىنىڭ بىر خىل نەق پۇل بېجى. ئەنگلىيە كورۇلى ئېسىلرېد Ⅱ تەختتە تۇرغان چاغدا (978 - 1016) دانىيە كورۇلى سىۋېين Ⅰ ( 985 1014 - - يىللىرى تەختتە تۇرغان) قوشۇن تارتىپ ئەنگلىيىگە ھۇجۇم قىلغان. ئەنگلىيە كۆپ قېتىم مەغلۇپ بولۇپ، دائىم خىراج تاپشۇرۇش بەدىلىگە ئەسكەرلىرىنى قايتۇرغان. مىلادى 1991-يىلى ئۇلارنىڭ تاجاۋۇز قىلىشى ۋە تالان -تاراج قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قەرەللىك خىراج تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان شۇنىڭ بىلەن دانىيە بېجىنى يىغىشقا باشلىغان. ۋېين Ⅰ نىڭ ئوغلى كىنود ئەنگلىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. مەزگىلدە، دانىيە بېجىنى دائىملىق باجغا ئۆزگەرتكەن (ھەربىي باج). 1051 - يىلى ئەنگلىيە كورۇلى ئىدۋارد (توۋا قىلغۇچى) بۇنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. 1086 - يىلى ۋېليام (بويسۇندۇرغۇچى) يەر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، يەر رويخېتىنى تۈزۈپ چىققان ۋە دانىيە بېجى ئېلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇنى مال - مۈلۈك بېجى قىلىپ كىرگۈزگەن. 1163 - يىلدىن كېيىن، دانىيە بېجى باج قوللانمىسىدا قايتا چېلىقمىغان، باشقا باج تۈرىنى ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، فرانك پادىشاھلىقىمۇ دانىيە بېجى يىغقان. دانىيە بېجى ئېغىرچىلىقى ئاساسىي جەھەتتىن دېھقانلارنىڭ زېممىسىگە چۈشكەن.