Uyghur→Chinese主要词典
ئالتە مەھكىمە
دۇنيا تارىخى
六曹
liù cáo
چاۋشىيەن كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى ۋە لى سۇلالىسىدىكى بىر خىل ئەمەل تۈزۈمى. كورىيە پادىشاھى تەيزۇ مەزگىلىدە (918 - 943-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان)، مەركىزىي ئورگاندا ئەمەلدارلارنى تاللاش مەھكىمىسى، پۇقرالار مەھكىمىسى، شىغاۋۇل مەھكىمىسى، لەشكەر مەھكىمىسى، زىندان مەھكىمىسى، ھۈنەر - كەسىپ مەھكىمىسى قاتارلىق ئالتە ئەمەل تەسىس قىلىنىپ ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى باشقۇرغان. چىڭزۇڭ دەۋرىگە كەلگەندە (982 - 997-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان)، مەنسەپ - تۇتۇق پىر قىسى، نوپۇس پىرقىسى، شىغاۋۇل پىرقىسى، لەشكەر پىرقىسى، زىندان پىرقىسى، ھۈنەر - كەىسپ پىرقىسى قاتارلىق ئالتە پىرقە تەسىس قىلىنغان. كېيىن مەركەزنىڭ ئەمەلدارلىق تۈزۈمىنىڭ نامى بىر قانچە رەت ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئالتە مەھكىمە تۈزۈمىنى ساقلاپ قالغان. 1389-يىلى (گوڭراڭ خاننىڭ تۇنجى يىلى)، مەنسەپ - تۇتۇق مەھكىمىسى، نوپۇس مەھكىمىسى، شىغاۋۇل مەھكىمىسى، لەشكەر مەھكىمىسى، زىندان مەھكىمىسى، ھۈنەر - كەسىپ مەھكىمىسى قاتارلىق ئالتە مەھكىمە دەپ ئاتالغان، لى سۇلالىسىمۇ ئۆزگەرتمەي شۇ پېتى قوللانغان. <دۆلەت دەستۇرى> دېگەن كىتابتا بۇ ئالتە مەھكىمە باشقۇرىدىغان ئىشلارنىڭ دائىرىسى مۇنداق بەلگىلەنگەن: مەنسەپ - تۇتۇق مەھكىمىسى ئەمىر -پەرمان، يېزىقچىلىق ئىشلىرى، تۆھپىسىگە قاراپ ئەمەل بېرىش، ئىمتىھان ئېلىش قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولۇش؛ نوپۇس ئەمەلدارى نوپۇسنى باشقۇرۇش، خىزمەتكە تەيىنلەش، ئېتىز - ئېرىق، يېمەك - ئىچمەك، نەرسە - كېرەك قاتالىقلارغا مەسئۇل بولۇش؛ ئەدەب ـ قائىدە ئەمەلدارى سەنئەت، ئۆلۈم - يېتم، زىياپەت، ئوردىغا تەكلىپ قىلىش، مەكتەپ، ئەمەلدارلىق ئىمتىھان ئېلىش قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولۇش؛ لەشكەر ئەمەلدارى ھەربىي سەردارلارنى تاللاش، ھەربىي ئىشلار، قورۇقچى - مۇھاپىزەتچىلەرنى قويۇش، خەت - ئالاقە، ھەربىي لازىمەتلىك، قورال - ياراق، ئوردا مۇھاپىزىتى، خەزىنە قاتالىقلارغا مەسئۇل بولۇش؛ زىندان ئەمەلدارى قانۇن، ھەق - ناھەقنى ئايرىش، دەۋا - سوراق، قۇل قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولۇش؛ ھۈنەر - كەسىپ ئەمەلدارى تاغ، ئورمان، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، ئوزۇق - تۈلۈك، مېتالچىلىق قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولۇش دەپ بەلگىلەنگەن. 1463-يىلى (شېزۇڭنىڭ 18-يىلى) ئالتە ئەمەلنى ھۆكۈمەت تەستىقلايدىغان بولغان. كېيىن كۆپ قتىم قىسقارتىلىپ، 1907-يىلغا كەلگەندە ئاندىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.